Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاغىچا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاياللارنىڭ ھۈرمەت نامى.
« خانىم » ئوقۇمۇشلۇق ئاياللارنىڭ ئاتىلىشى.
باشقىلىرى ئۆزىگە قارىغاندا ئېرىنىڭ ھۈرمىتىدىن شۇنداق ئاتىلدۇ. مىساللاردىن قاراڭ. « ئاپپاق » قۇمۇل شېۋىسى.
كىشىگە قىلغان ئىزادىن خانىم بىزار. قىرىق ئاغىچا ئاچتىن ئۆلۈپتۇ. غوجامنىڭ ئالماسلىقىنى بىلىپ، خېنىم تەگمەس بوپتۇ.
ئايال: كۆلگە چۆكۈپ كەتكەن فۇچۇننى قۇتقۇزىۋالغان سىزمۇ؟
ئەر: ھەئە، بانۇم.
ئايال: ئەمىسە، ئۇنىڭ بىر پاي پەلىيى قېنى؟
قۇشناچىمنىڭ ئېشىنى ئوخشاتقان موللامنىڭ ئوتيېشى.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
قازان يۇغۇچ.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
خېنىم،خانىم. تارىشا ئوتۇن ئوتۇن ئەمەس، ئاغىچا خوتۇن خوتۇن ئەمەس(ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كونا جەمئىيەتتە باي، بەگ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيىدە ئىشلەيدىغان ئايال خىزمەتچى.
ۋاڭ ۋە شاھزادە ئۈچۈن ئىككىدىن ئات قوشۇلغان پوچتا، خېنىم ۋە ئاغىچىلار ئۈچۈن چىلان رەڭ دۇخاۋىدا تاشلانغان پەنجىرىلىك مەپە تەييار قىلىندى.
بىراۋغا نىكاھلانغان، بىراۋ بىلەن توي قىلغان ئايال؛ خوتۇن.
(باسىت) - باشقا ئاغىچىلىرى شەرۋانەمنىڭ ئالدىغا بىر ئېغىز سۆزمۇ قىلالمايدۇ دەيمەن، - دېدى شاڭيۇغا.