Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاگاخان
دۇنيا تارىخى
(1) ئىسلام دىنى ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ رەھبىرىنىڭ نامى. (2) ئاگاخان 3 (1877 -1957). يەنى سۇلتان مۇھەممەد شاھ. ھىندىستاندىكى ئىسلام دىنى ئىسمائىلىيە تەرەپدارلىرىنىڭ دىنىي رەھبىرى. پۈتۈن ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. ئاگاخان Ⅱ نىڭ ئوغلى. كاراچىدا تۇغۇلغان. ئەسلى يۇرتى پېرسىيە. 1885-يىلى ئاتىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئىمام بولغان. ياش ۋاقتىدا ئەنگلىيىدىكى ئىدون ھۆكۈمەت مەكتىپى ۋە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1902 - 1904-يىللىرى ھىندىستان باش ۋالىيىسى مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1906-يىلى 10-ئايدا مۇسۇلمانلار ۋەكىللەر ئۆمىكى (سىملار ۋەكىللەر ئۆمىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نى باشلاپ مۇئاۋىن پادىشاھ مىنتۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ، ھىندىستان مەركىزىي ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىدىكى مۇسۇلمان ۋەكىللىرىنى مۇسۇلمان سايلىغۇچىلار ئۆز ئالدىغا سايلاپ چىقىش پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1908-يىلى ھىندىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان، 1915-يىلى ئىستېپا بەرگەن. 1930 - 1932-يىللىرىدىكى يۇمىلاق جوزا يىغىنىدىكى ھىندىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قاتناشقان ۋە رەھبەرلىك قىلغان. 1937-يىلى رابىتول ئىسلامنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى شۋېتسارىيىدە ئۆتكۈزگەن.