Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاگاھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئاگاھ، خەۋەردار، ۋاقىپ :
ئەقىللىق، پاراسەتلىك؛ ھوشيار؛ زېرەك، سەگەك.
كۆڭۈل دەردىغە بىر دەرمان قىل ئەمدى،
چۇ جانىم دەردىن ئاگاھ سەن - سەن.
ئاتايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھوشلۇق، ئەقلى - ھوشى جايىدا بولغان بىرەر تەسىر ياكى ھادىسىنى تېز سېزىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان، زېرەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرىدىغان.
ھوشيار ئات يىرتقۇچقا يەم بولماس. ھوشيار بولساڭ، ئاپەت كۆرمەيسەن. سەركە سەگەك بولسا، مالغا ئاپەت كەلمەس. سۈتتىن ئاق، سېغىزخاندىن ساق. سىنىماي بىرىنى تۇتمىغىن ھەمراھ، ئاڭلىغاندىن كۆرگەن باشقا، بول ئاگاھ، ئاگاھ بولساڭ، ئاداشمايسەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
خەۋىرى بار، دىققىتى قوزغالغان؛ ھوشيار.
ئاگاھ بولماق.