Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئادەم ئەلەيھىسسالام
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
«قۇرئان كەرىم» دە تىلغا ئېلىنغان شەخس بولۇپ، نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر قاتاردىكى ئاللانىڭ ئالتە پەيغەمبىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالام ئاللا تۇپراقتىن ياراتقان تۇنجى ئىنسان بولۇپ، ئىنساننىڭ ئەجدادىدۇر. دەرىجىسى ھەممە پەيغەمبەرلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. « ئاللانىڭ يېقىن دوستى» دەپ قارىلىدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالام خوتۇنى(مۇفەسسىرلەر «ھەۋۋا ئانا» دەيدۇ) بىلەن بىللە بىھشتە ياشىدى. شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن ئاللانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ مەنئى قىلىنغان مېۋىنى يەپ قويغانلىقتىن، ئەۋرىتى ئېچىلىپ قېلىپ، جەننەتتىن قوغلاپ چىقىرىلدى. كېىين گۇناھىغا تۆۋە قىلىدى. ئاللا ئۇنىڭغا جىمى مەۋجۇداتنىڭ ئىسملىرىنى ئۆگىتىپ قويدى. ئادەم ئەلەيھىسسالام ئاللانىڭ كىشىلەر ئارىسىدىكى خەلىپىسى بۇلدى. كۆپ ساندىكى ئۆلىمالار يەھۇدىي دىنى ۋە خرىستىئان دىنىدىكى «ئىنجىل» دا تىلغا ئېلىنغان «ئادام» ئادەم ئەلەيھىسسالامدۇر، دەپ قارايدۇ.