Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاچچىق-چۈچۈك[يەشمىسى:] ① تېخى تاتلىق تەم كىرمىگەن، چۈچۈمەل (يەل-يېمىىش ھەققىدە):[مىسال:] ئاچچىق-چۈچۈك غورا. * غۇلجا ئالمىسىنىڭ تەمى دەسلەپ ئاچچىق-چۈچۈك بولىدۇ، ئۇزۇن تۇرغانسېرى تەمى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.[يەشمىسى:] ② لازا، ئاچچىقسۇ، دورا-دەرمان قاتارلىقلىرى ئۆتۈپراق تەڭشەلگەن:[مىسال:] تۇرسۇن ئېغىر ئىچىملىكتىن كېيىن، ئاچچىق-چۈچۈك ئۈگرە بىلەن مېھمان بولدى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۇرمۇشنىڭ راھەت-پاراغەت ۋە جاپا-مۇشەققىتى، ھاياتنىڭ لەززەت ۋە غەم-تەشۋىشلىرى، تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغۇقى: باقى تۇرمۇشقا ئەمدىلا كۆز ئاچقان ساددا ئاق كۆڭۈل بىر يىگىت، ئۇ يېزا تۇرمۇشىنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكىنى تېتىمىغان.