Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاچچىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قەھر، غەزەپ.
ئاچچىقى كەلمەك، ئاچچىقلانماق، ئاچچىقىغا ھاي بەرمەك. * ئاچچىقنى ئاچچىق باسىدۇ (ماقال). * ئاچچىقتىن قېرىيسەن، شادلىقتىن ياشىرىسەن (ماقال). * ئاچچىق كەلگەندە، ئەقىل قاچىدۇ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت («ئاچچى» غا سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «ق» قوشۇلغان).
1 . تىلغا قاتتىق تېگىدىغان، لازىنىڭ تەمىگە ئوخشاش تەم. ئانتونىمى: تاتلىق.
ئاچچىقسۇ، ئاچچىق ئۈچەي، ئاچچىق - چۈچۈك. * ئاچچىق دورا كېسەلگە داۋا (ماقال). * زىيان زەھەردىن ئاچچىق. * ھېچكىم دېمەيدۇ جېنىم، ئاچچىق مېنىڭ قېتىقىم.
2 . نورمىدىن ئوشۇق دەملەنگەن، قويۇق. ئاچچىق چاي. * ئاچچىققىنا دەملەنگەن چاي ئىچكۈم بار.
3 . قاتتىق تەسىر قىلىدىغان. ئاچچىق سوغۇق، ئاچچىق گەپ، ئاچچىق تۈتۈن، ئاچچىق ساۋاق، ئاچچىق كۈلكە. * تاتلىق يالغاندىن ئاچچىق ھەقىقەت ياخشى (ماقال).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق نەپرەت تۇيغۇسىدىن پەيدا بولغان روھىي ھالەت.
ئاچچىق كەلسە، ئەقىل قاچىدۇ. ئاچچىقتىن قېرىيسەن، كۈلكىدىن ياشىرىسەن. غەزەپ ئەقىل چىرىغىنى ئۆچۈرەر. خۇدانىڭ قەھرى تۇتسا، چۈمۈلىگە قانات بېرەر. قەھرى بار، غەيرىتى يوق. جۇدۇنى تۇتسا، ئۇ ھەر بالادىن يانمايدۇ. ھاۋانىڭ گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق، قېرىنىڭ جۇدۇنى بار، ماغدۇرى يوق. زەردىسى بارنىڭ ئەقلى بولسا، ئىش ئاسان بولاتتى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
قىزىلمۇچنىڭ تەمىدەك تەم.
تاتلىق، شېرىن
بالنىڭ تەمىدەك تەم.
ئاچچىقنى تاتلىقنى تېتىغان بىلىدۇ، يىراقنى - يېقىننى يۈرگەن. تاتلىقنى تېتىغان ئاچچىقتا بولماس. ئىشەنمە يامان ئېيتسا شېرىن ماقال، ھەسەلگە زەھەر قوشمىقى ئېھتىمال. لاۋزا ئاچچىققا تەۋە. لاۋزا تاۋۇزنىڭ ئۇرۇقى تولا. تاتلىق بولسۇن دېسەڭ، ئازراق تۇز سال.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئېغىزنى ئېچىشتۇرىدىغان، تەمى ئۆتكۈر؛ سەزگۈ ئەزالىرىغا كۈچلۈك تەسىر قىلىدىغان.
ئاچچىق لازا. ئاچچىق غورا.
بىلىم - ئاچچىق يىلتىزدىن ئۆسۈپ يېتىلىدىغان تاتلىق مېۋە.
سۈپ. جاندىن ئۆتىدىغان، بەدەننى تىترىتىدىغان.
ئاچچىق سوغۇق. ئاچچىق شامال.
سۈپ. كۆچمە. كىشىگە قاتتىق تېگىدىغان، كۆڭۈلنى ئاغرىتىدىغان، خۇش قىلمايدىغان.
يىغىندا ماڭا ئاچچىق گەپلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىىدىغانلار بولدى.
سۈپ. كۆچمە. دەرد - ئەلەم، غەم - غۇسسىلىك، غەم - قايغۇنى ئىپادىلەيدىغان؛ ئەلەملىك.
بۇ ئاچچىق خاتىرىلەرنى ئەسلەشتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىپ خەتكە قارىدىم.
رەۋ. كۆچمە. مەسخىرىلىك، نەپرەلىك.
يىگىت ئاستا - ئاستا قۇلىقىغىچە قىزاردى - دە، بىردىنلا ئاچچىق كۈلۈۋەتتى.
ئى. غەزەپ، زەردە قەھر.
بۈگۈنكى ئاچچىقنى ئەتىگە قوي (ماقال).
ئۆلگۈدەك ئاچچىقى كەلگەن سەنۇبەر ئۇنىڭغا يالت قىلىپ قارىدى - دە، قېتىپ قالدى، ئۇنىڭ ئالدىدا رۇستەم تۇراتتى.