Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ئاچچىق چېچەك
دائىرە: ئۇنىۋېرسال春福寿草
chūn fú shòu cǎoDئۆسۈملۈك
献岁菊
xiàn suì júDئۆسۈملۈك
水凉花
shuǐ liáng huāDئۆسۈملۈك
水朗花
shuǐ lǎng huā
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
侧金盏花
cè jīn zhǎn huā
بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئاچچىق چېچەككە ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى كۆپ، توپلىشىپ ئۆسىدۇ، يىلتىزى توم، قارامتۇل، چاچما يىلتىزلىرى بولىدۇ؛
تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرى پەردىلەشكەن، سېپى ئۇزۇن، ئۈچ قايتىلانغان پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق؛ گۈلى ئۇچىدا ئۆسكەن، ئالتۇن سېرىق
رەڭلىك، سەبدىگۈل شەكلىدە بولىدۇ، غۇنچە شەكىللىك مېۋىسى بار.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى گۈللىرى تولۇق ئېچىلغان چاغدا كولىۋېلىپ، پاكىز يۇيۇپ، يەر
ئۈستى قىسمىنى توغراپ، يىلتىزىنى نېپىز كېسىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى ئورمان بەلۋىغىنىڭ
يۇقىرىسىدىكى ئوتلاق، تاغنىڭ تەسكەي يان باغرىلىرىدىكى نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
يۈرەكنى كۈچلەندۈرۈش، سۈيدۈكنى ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 8.0 ~ 1 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاچچىق چېچەكتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئانار شەربىتى بىلەن ئىچىپ بەرسە، يۈرەك سوقۇش تېزلەش ۋە قان تولۇشىدىن
كېلىپ چىققان يۈرەك زەئىپلىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاچچىق چېچەكنى دەملەپ، رەيھان شەربىتى بىلەن بىللە ئىچىپ بەرسە، يۈرەك خىزمىتىنىڭ نورمال بولماسلىقىدىن
كېلىپ چىققان سۇلۇق ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاچچىق چېچەكتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، ئانارنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە،
يۈرەكنى كۈچلەندۈرىدۇ.
GetWord كۇللىياتى
9侧金盏花
侧金盏花(毛莨科)
cè jīn zhǎn huā
春福寿草
chūn fú shòu cǎo
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.