Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاچارچىلىق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
زىرائەت ئۈنۈم بەرمەي، ئوزۇق - تۈلۈك يېتىشمەسلىك. ئاچارچىلىق، قەھەتچىلىك يىلى.
توقچىلىق، مولچىلىق، مەمۇرچىلىق
ئوزۇق - تۈلۈك موللۇق، ئىسراپچىلىق. توقچىلىق، مولچىلىق، مەمۇرچىلىق يىلى.
ئاچارچىلىق - بالا - قازانىڭ ئەڭ چوڭى. قەھەتچىلىك يىللىرى بىراۋدىن ھال سورىما، ھالىغا يېتەلىسەڭ سورا. مولچىلىق خۇشاللىق بېغىشلايدۇ. مەمۇرچىلىق بولسا تۇرمۇش خاتىرجەم بولىدۇ. ئاچارچىلىقنى باشتىن كەچۈرمىگەن توقچىلىقنىڭ قەدرىگە يەتمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر تەبىئىي ئاپەت ياكى ئۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەر نەتىجىسىدىن كېلىپ چىققان ئوزۇق - تۈلۈك يېتىشمەسلىك؛ قەھەتچىلىك.
شۇ يىلى ئېغىر ئاچارچىلىق بولۇپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتتى.