Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئاچا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئاچىماق، ئاچال.
ئاچا ياغاچ، ئاچا قۇلاق، ئاچا يول، ئاچا تۇياق. * ئاچا قوزۇق يەرگە كىرمەس (ماقال). ئاچا ساقال ئاچ قالماس، كەكە ساقال كەم قالماس (ماقال). * ئاچا يولغا بارغاندا ئايرىلدۇق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر تۇغقان قېرىنداشلار ئىچىدىكى ئۆزىدىن چوڭ ئايال قېرىنداش؛ ئومۇمەن ئۆزىدىن چوڭ ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ ئاتاش. «ئېگىچە» خىتاب قىلىشقا ئىشلىتىلمەيدۇ.
«ئېگىچە» لوپنۇر دىئاللېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
_ ئاچام ئاچتىن ئۆلگەن، _ دېدى ئايىمخان. ئېگىچە - سىڭىللار ئىناق ئۆتكەي. توختىخان ھەدە ئوڭلۇق ئايال. ھەدەم نەدە، مەن شۇ يەردە. ئايلام بىلدى دېگۈچە، ئالەم بىلدى دېسەڭچۇ. پاتىمە ئاپپاي ھۆرمەتلىك ئايال.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. بىر گەۋدىدىن ئاجرىلىپ چىققان، بۆلۈنگەن.
ئاچا ياغاچ. ئاچا قۇيرۇق. ئاچا يول.
ئى. نەرسىلەرنىڭ بىر گەۋدىدىن ئايرىلىپ چىققان قىسمى، بۆلىكى؛ پۇتاق.
قاسىم ھويلىدىكى ئاچىغا چاپىنىنى ئېسىپ قويۇپ ئىتتىك ئۆيگە كىردى.
بۆرە قوينىڭ قۇيرۇقىنى ئاچىسىدىن چىشلەپ ئىككى پارچە قىلىۋېتىپتۇ.
ئى. بىر نەرسىنى يۆلەپ قويىدىغان تىرەك.
بىز ئۆرۈلۈپ كەتمىسۇن دەپ ئاچا يۆلەپ قويغان تامنىڭ يېنىدىن ئۆتتۇق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . بىر تۇغقان قېرىنداشلار ئىچىدە ئۆزىدىن چوڭ قىز، ئىگىچە، ئىجە، ھەدە، ئايلا.
ئاچا - سىڭىل. * بىر ئاكام، ئىككى ئاچام بار. * چوڭ ئاچام مۇئەللىم.
2 . يېشى ئۆزىدىن چوڭ ئاياللارمۇ ھۆرمەت يۈزىسىدىن شۇنداق دەپ ئاتىلىدۇ. ئاياللارنى چاقىرغاندا، كۆپ ھاللاردا ئىسىمنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ھەدە، ئاچا، ئايلا، ئايىمخان ھەدە كېلىپ كەتتى. * توختىخان ئاچا. * ھەبىبىخان ئايلا.