Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىنىڭ مۇفەسسىرى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلان قىلغان ۋەھىي ئايەتلەرنى خاتىرىلىگۈچىلەرنىڭ بىرى. مەدىنىدە دۇنياغا كەلگەن. ئايەتلەر نازىل بولۇشنىڭ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى پىششىق بىلىدۇ. قۇرەيش قەبىلىسىدىكى ئاقسۆڭەكلەر ئۆچ كۆرگەنلىكتىن ھەبەشىستانغا كۆچۈپ كەتكەن. كېيىن مەدىنىگە قايتىپ كېلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇلازىم بولغان. بەدرى غازىتى قاتارلىق غازاتلارغا قاتناشقان. خەلىپە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى دەرىدە يەرمۈك غازىتىغا قاتناشقان. ھەزرىتى ئۆمەر دەۋرىدە كۇفەگە مالىيە ئەمەلدارى ۋە مۇددەرس قىلىپ ئەۋەتىلگەن. رىۋيەت قىلىنىشىچە، بۇ زات 844 ھەدىسنى سۆزلەپ بېرىپ، ھەدىس رىۋايەت قىلىدىغان نوپۇز ئىگىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان. ھەزرىتى ئوسمان دەۋرىدە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، مەدىنىدە ۋاپات بولغان، بەزىلەر كۇفەدە ۋاپات بولدى، دەيدۇ.