Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئابدۇللا بىننى زۇبەير
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(624 - 692) ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى ئەرباب. زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام (؟ - 656) نىڭ ئوغلى، بۈۋى ئائىشەنىڭ جىيەنى. مەدىنىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىك ۋاقتىدا دادىسىغا ئەگىشىپ سەپەرگە چىقىپ، سۈرىيىدىكى ۋىزانتسىيە قوشۇنلىرىنى تارمار قىلغان يەرمۈك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن ئەمرۇ ئىبنى ئاس بىلەن مىسىرغا يۈرۈش قىلغان؛ 647 - يىلى ئابدۇللا بىننى سارد بىلەن تۇنىسقا يۈرۈش قىلغان؛ 506 - يىلى سەئىد بىننى نەبى ۋەققاسقا ئەگىشىپ، پرسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى جەڭگە قاتناشقان. 651 - يىلى ھەزرىتى ئوسمان ئۇنى زەيد بىننى سابىت قاتارلىق كىشىلەر بىلەن <قۇرئان كەرىم> نى تۈزۈش بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بەلگىلىگەن. ھەزرىتى ئوسمان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، دادىسى ۋە بۈۋى ئائىشە بىلەن بەسرەگە كېلىپ ھەزرىتى ئەلىگە قارشى تۇرىدىغان <تۆگە ئۇرۇشى> غا قوماندانلىق قىلغان. ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بۈۋى ئائىشە بىلەن مەدىنىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇمەييە سۇلالىسى دەۋرىدە ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى ھۈسەين بىلەن بىرلىشىپ، ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ ئىككىنچى خەلىپىسى يەزىد بىننى مۇئاۋىيەگە قارشى تۇرغان. ھۈسەين ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن مەككىنى ئىشغال قىلىپ، خەلىپە بولۇۋالغان. ئۇنى ئاۋۋال ھىجاز رايونى ئېتىراپ قىلغان. كېيىن ئەرەب يېرىم ئارىلى، ئىراق ۋە سۈرىيىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرى ئېتىراپ قىلغان ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ئابدۇمالىك (685 - يىلىدىن 705 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ قوشۇنى مەككىگە ھۇجۇم قىلغاندا شېھىت بولغان.