Uyghurئاساسىي لۇغەت
خۇتبە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
جۈمە ۋە ھېيت نامازلىرىدا خاتىب خۇتبە ئوقۇغۇچى تەرىپىدىن مۇنبەرگە چىقىپ ئوقۇلىدىغان پەند - نەسىھەت سۆزلىرى:
نىكاھ ۋاقتىدا ئىمام تەرىپىدىن ئوقۇلىدىغان دۇئالار مۇقەددىمىسى:
سۈپەتلەش، ماختاش.
1. ئەيلەبان ئىنشاكى مۇنبەر ئۆزرە تاڭلا خۇتبەدە،
زەھىر ئەتكەي شاھ ئاتىدىن سوڭ دۇئايۇ مىدھەتىن.
نەۋايى.
2. خۇتبە ئەمرىنى ئىفتىتاھ ئەتتى،
خوجەغە سىڭلىنى نىكاھ ئەتتى.
نەۋايى.
كىتاب مۇقەدىمىسى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
جۈمە ۋە ھېيىت نامازلىرىدا خەتىب (خۇتبە ئوقۇغۇچى) تەرىپىدىن مۇنبەرگە چىقىپ، ئېيتىلدىغان دىنىي پەندى - نەسىھەت سۆزلىرى؛ نىكاھ قىلىش ۋاقتىدا ئىمام تەرىپىدىن ئوقۇلىدىغان دۇئالار؛ كىتابنىڭ بېشىدىكى ھەمدۇ قىسمى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر مەسىلە ئۈستىدە كۆپچىلىككە سۆزلەنگەن نۇتۇق.
«دوكلات» كەڭ قوللىنىلىدۇ.
«مەرۇزە» ئىستېمالدىن قالدى.
«ۋەز» سەلبىي مەنە ئېلىپ قالدى.
«خۇتبە» خاتىپ جۈمەدە ئوقۇيدىغان چۈشىنىكسىز ئەرەبچە سۆز.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۆلۈم باشلىقى ئېقىم مەسىلىسى ئۈستىدە دوكلات بەردى. ئابدۇكېرىم ئابباسوۋنىڭ 1949 - يىلى مايدا ئىلىدا ئىتتىپاق ئاكتىپلىرى يىغىنىدا بەرگەن «ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە بىزنىڭ ۋەزىپىلىرىمىز» دېگەن مەرۇزىسى ئۆز ۋاقتىدا چوڭ تەسىر قوزغىغان. تۈلكە ۋەز ئېيتسا، توخۇ ئوبدان ئويلانسۇن. جامەدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن خاتىپ خۇتبە ئوقۇدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىكىرنى سۆز بىلەن ئىپادىلەش سەنئىتى، قابىلىيىتى.
ئويلىنىپ ئېيتىلغان سۆز قۇرۇق نۇتۇقتىن ئەلا. مۇئەللىم لېكسىيە سۆزلىدى، مەسىلە ئېنىق بولدى. خاتىپ خۇتبە ئوقۇيدۇ، نېمە ئوقۇغىنىنى بىلمەيدۇ.
بىئولوگىيە
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <نۇتۇق>، <پەندى - نەسىھەت> دېگەنلىك بولىدۇ. جۈمە نامىزى ياكى ھېيت نامىزىدا سۆزلىنىدىغان سۆز كۆزدە تۇتۇلىدۇ. خۇتبىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئاللاغا ھەمدۇسانا ئوقۇش، پەيغەمبەر سۈننەتلىرىنى سۆزلەشتىن باشقا، ۋەزىيەتكە ئاساسەن تەبلىغ قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. جۈمە كۈنى ھەر ئادەم ئۆز ئالدىغا تۆت رەكەت سۈننەت نامىزىنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن، خاتىب ياكى ئىمام مۇنبەرگە چىقىپ، ناماخانلارغا قاراپ تۇرۇپ سۆزلەيدۇ. بۇ چاغدا نامازخانلار جىم تۇرۇپ ئاڭلىشى، ناماز ئوقۇماسلىقى، پاراڭ سېلىشماسلىقى لازىم. ئەڭ بۇرۇن بۇ ئىشنى خەلىپە ياكى خەلىپىنىڭ ۋەكىلى ئىجرا قىلاتتى، كېيىن خاتىب ياكى ئىمام ئىجرا قىلىدىغان بولدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
جۈمە ۋە ھېيت نامازلىرىدا، مەسچىت ئىمامى تەرىپىدىن پەرزنىڭ ئالدىدا، مەسچىت مۇنبىرىدە قىلىنىدىغان دىنىي پەندى - نەسىھەت ۋە دۇئا.
ئادەملەر خۇتبە مۇنبىرى دەپ ئاتالغان سۇپىدا سۆزلەۋاتقان سەللىلىك ئادەمگە قاراپ ئولتۇرۇشىدۇ.
نىكاھ ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغان دۇئا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئەس - ھوش، تۇيغۇ، سېزىم.
خۇدىنى بىلمەك. خۇدىنى تاپماق. خۇدىنى يوقاتماق.
خوتۇنى يوقنىڭ خۇدى يوق (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دىنىي چۈشەنچىدە، پۈتۈن ئالەمنى ياراتقان ۋە ئۇنى باشقۇرغۇچى ئىلاچىي كۈچ؛ تەڭرى؛ ئاللا.
خۇدا ساقلىسۇن.
مەن قىلارمەن ئوتتۇز، خۇدايىم قىلار توققۇز (ماقال).