Uyghurئاساسىي لۇغەت
خۇپىيانە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھېچكىمگە بىلىندۈرمەي، كۆرسەتمەي.
يوشۇرۇن قىلغان ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى ئاشكارا قايتار. يوشۇرۇن دەرد - ئەلەم يۈرەكنى كاۋاپ قىلىۋېتىدۇ. كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلماق - يامان ئەخلاق. ماختانچاقنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكى ئۇنىڭ خۇپىيانە رەزىللىكىنى نامايەن قىلىدۇ. مەخپىي ئىش مەخپىي پېتى قالارمۇ؟ بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تۇيدۇرمىدىم. ئوغرىلىقچە پۈتتۈرگەن ئىش شۇ پېتى قالسۇن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
باشقىلارغا مەلۇم ئەمەس، كۆرۈنۈپ - بىلىنىپ تۇرمايدىغان.
ئاشكارا، ئوچۇق، ئوچۇق - يورۇق، ئوچۇق - ئاشكارا
ھەممىگە مەلۇم، كۆرۈنۈپ - بىلىنىپ تۇرغان.
ئاغرىقنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈمى ئاشكارا. ئاشكارا ئىشقا پايلاقچى كەتمەيدۇ. ئۆشكىنىڭ ئوچۇق تۇرسا ھېچ گەپ يوق، قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا ھايت - ھۇيت. پەسكەشلىك بىلەن ياشىغاندىن ئوچۇق - يورۇق ئۆلگەن ياخشى. ئوچۇق - ئاشكارا بول. يوشۇرۇن قىلغان ياخشىلىق ئاشكارا يانار. مۇھەببەتنى پىنھان تۇت. مەخپىي ئىش ئاشكارا بولسا، زىيان چوڭ بولىدۇ. دوستۇڭدىن سىرىڭنى خۇپىيانە تۇتما. ئۇ ئىشنى يەڭ ئىچىدە پۈتتۈردۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
باشقىلارغا بىلدۈرمەستىن، يوشۇرۇن ھالدا، يوشۇرۇنچە.
خۇپىيانە ئۇچراشماق. خۇپىيانە تەكشۈرمەك.