Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خۇسۇسىي يەر ئىگىلىرى
دائىرە: دۇنيا تارىخى名主
míng zhǔ
ياپونىيىدە خەيئەننى كېيىنكى مەزگىللىرىدىن مۇرۇماچىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىگىچە بولغان خۇسۇسىي يەر ئىگىلىرى. ئۈلۈشلۈك يەر تۈزۈمى يىمىرىلىش جەريانىدا، يەر ئىگىلىرى ئۆز نامىغا يەر تىزىملاتقانلىقتىن، خۇسۇسىي يەر ئىگىلىرى دەپ ئاتالغان. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىنەم يەر ۋە سۇنغان پۇقرالارنىڭ يەرلىرىنى بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىنەم يەر ۋە سۇنغان پۇقرالارنىڭ يەرلىرىنى ققوشۇپ ئالغانلار، بەزىلىرى ئائىلە ئەزالىرى ئۆزلىرى ئازراق يەر تېرىپ، ئۆز ئالدىغا تېرىقچىلىق قىلىدىغان دېھقانلاردىن ئىبارەت. بەزىلىرى بولسا، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلەردىن ئىبارەت. بۇلار دۆلەتكە باج - سېلىق تاپشۇرۇش ۋە ھاشارنى ئۈستىگەئېلىشقا تېگىشلىك بولۇپ، يېزىدا ئىمتىيازلىق ئورۇندىن بەھرىمەن بولغان. تويوتومى، ھىدېيوشى <يەر ئۆلچەش> نى يولغا قويغاندىن كېيىن، خۇسۇسىي يەرلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئېدۇ شوگونلوقى مەزگىلىدە، كانتودا خۇسۇسىي يەرئىگىلىرى دېيىلگەنلەر يېزا باشلىقلىرى (كانسايدا شويا دېيىلەتتى) بولۇپ، بۇلار ئەمر - پەرمانلارنى يەتكۈزۈش، يىللىق باج - سېلىقنى يىغىشقا مەسئۇل بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.