Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
خۇسۇسىي يەر
دائىرە: دۇنيا تارىخى名田
míng tián
ياپونىيە خەيئەن دەۋرىدىكى ئۈلۈشلۈك يەر تۈزۈمى يىمىرىلىش جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن خۇسۇسىي يەر. يەرئىگىلىرى ئۆز نامىغا تىزىملاتقان يەرلەر خۇسۇسىي يەر دەپ ئاتالغان. شۇ چاغدىكى پۈتۈن مەملىكەت تېرىلغۇ يېرىنىڭ زور قىسمىنى ئىگىلىگەنلىكتىن، ئاساسلىق يەر تۈزۈمى بولۇپ قالغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن كېيىن، پايتەخت رايونىدا خۇسۇسىي يەرلەرنى ئەركىن ئېلىپ - سېتىشقا يول قويۇلغان. تويوتومى، ھىدېيوشى <يەر ئۆلچەش> نى يولغا قويغاندا، خۇسۇسىي يەرلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، يەر يېڭىۋاشتىن رويخەتكە ئېلىنغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.