Uyghurئاساسىي لۇغەت
خۇرۇم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇڭى قىرىۋېتىلىپ، مەلۇم يول بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تېرە؛ ئاياغ، چاپان، چامادانغا ئوخشاشلا ياسىلىدۇ.
«كۆن»، «بۇلغارى» ئومۇمىي ئۇسۇل بىلەن نەپىس ئىشلەنگەن كۆن.
«شاۋرۇن» ئۆچكە تېرىسىدىن ئىشلىنىدۇ، كۆپىنچە ئىچلىك قىلىنىدۇ.
كۆن ئۆتۈك كىيدىم دەپ، كۆكسۈڭنى كەرمە. بۇلغارى چىداملىق كېلىدۇ. خۇرۇم چاپاننى دەپ،ئۆزۈڭنى خۇر قىلما. شاۋرۇن ئىچىلىك ئۆتۈك ئالدىم. ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنتۇما، شىرە چورۇقۇڭنى قۇرۇتما. ياخشى ئاتنىڭ تېرىسى قىرىم بولار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
كالا، ئات، قوي، چوشقا قاتارلىق ھايۋانلار تېرىسىنىڭ تۈكىنى چۈشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بىر خىل يۇمشاق، پارقىراق كۆن. ئۇنىڭدىن ھەرخىل ئاياغ كىيىمى، چامادان قاتارلىق بۇيۇملارنى ئىشلەشكە بولىدۇ.
خۇرۇم چاپان. خۇرۇم ئۆتۈك.