Uyghurئاساسىي لۇغەت
خۇزىستان نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشى
دۇنيا تارىخى
1946-يىلى 7-ئايدا يۈز بەرگەن ئىراننىڭ خۇزىستاندىكى ئەنگلىيە - ئىران نېفىت شىركىتى كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەنگلىيىگە قارشى ئومۇمىي ئىش تاشلىشى. بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىران ئىشچى - خىزمەتچىلەر ھەرىكىتىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق سىياسىي خاراكتېرلىك چوڭ ئىش تاشلاش ھېسابلىنىدۇ. ئىش تاشلاشقا تەخمىنەن 100 مىڭدەك ئادەم قاتناشقان. ئىش تاشلىغۇچىلار ئەنگلىيە شىركىتىنىڭ ئىراننىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىپ، شىركەت سىياسىي باشقارمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، شىركەتنىڭ ۋەكالىتەن باشقۇرغۇچىسى مەسىخاباۋازىمىنى خۇزىستاننىڭ باش ۋالىيلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى، ئىران ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان ئەمگەك قانۇنىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە كۆپلىگەن ئقتىسادىي تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەنگلىيە - ئىران شىركىتى ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شۇ قېتىمقى ئىش تاشلاشقا بۇزغۇچنىلىق قىلغان ۋە ئۇنى باستۇرغان. 1951-يىلى 4-ئايغا كەلگەندە ھۆكۈمەت ئىران ئىشچىلىرىنىڭ قىسمەن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەلەپلىرىنى قاندۇرغاندىن كېيىنلا ئىش تاشلاش ئاياغلاشقان.