Uyghurئاساسىي لۇغەت
خۇمېن سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى خۇفىيە سۈلۈكىگە مەنسۇپ شۆبە سۈلۈك بولۇپ، بۇ سۈلۈكنى گەنسۇ لىنشا دۇڭشياڭ خۇڭنىتەندىكى دۇڭشياڭ مىللىتىدىن كېلىپ چىققان مافۇخەي (1715 - 1812) قۇرغان. ئۇ ساقاللىق ئادەم بولغاچقا، بۇ سۈلۈك <ساقاللىق زات سۈلۈكى> دەپمۇ ئاتالغان. چەنلۇڭنىڭ 40 - يىلى (1775) رامزاننىڭ 27 - كۈنى كەچتە مافۇخەي شىئەندىكى چۇڭۋېنخاڭ مەسچىتىدە خىزىر بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ئېيتىپ، دن تەرغىب قىلىشنى باشلىغان. كېيىن بۇ سۈلۈك ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. ئۇلار <ئاللا، پەيغەمبەر، مۆمىندىن ئۈچلۈك زات> بولىدۇ، دەپ قارىغان. توشقان گۆشى يېيىشنى چەكلەيدۇ. ئادەملىرى ئاساسلىقى گەنسۇدىكى دۇڭشياڭ، گۇاڭخې، كاڭلې، خېجېن قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.