Uyghurئاساسىي لۇغەت
خېررىئو
دۇنيا تارىخى
(1872 - 1957) فرانسىيە زۇڭلىسى (1924 - 1925، 1926 - 1932). فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى (1946). پارىژ ئالىي سىفەن مەكتىپىنى پۈتۈرگەندىن كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ياش ۋاقتىدا رادىكاللار پارتىيىسىگە كىرگەن. 1919-يىلدىن باشلاپ، كۆپ قېتىم مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەئىسى بولغان (1919 - 1926، 1931 - 1936، 1945 - 1957). 1905 - 1940-يىللىرى لىئون شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان. 1912-يىلدىن باشلاپ، ېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1916 -1917 - يىللىرى جامائەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سول قانات ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ، پوينكارېنىڭ ئەكسىيەتچى سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. زۇڭلى بولغان مەزگىلدە رۇرغا بولغان ئىشغالىيەتنى ئاياشلاشتۇرغان، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورناتقان ۋە <فرانسىيە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان؛ مەملىكەت ئىچىدە بەزى جەھەتلەردە ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشقا تىرىشىپ باققان. 1934 - 1936 - يىللىرى دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى بولغان. 1936-يىلى مىللىي پارلامېنتنىڭ باشلىقى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن گېرمانىيە بىلەن مۇرەسسە قىلىشقا قارشى تۇرغان ھەمدە 1940 - يىلى 7-ئايدا پېتانغا ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلغان. 1942 - 5194 - يىللىرى گېرمانىيىدە تۈرمىدە ياتقان. ئۇرۇشتىن كېيىن سوۋېت ئارمىيىسى ئۇنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ۋەتىنىگە قايتقان. 5194 - 1955 - يىللىرى لېئان شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان. 1947-يىلدىن باشلاپ، مىللىي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلانغان. 1955-يىلدىن كېيىن پارلامېنتنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلانغان. 1955-يىلدىن باشلاپ، مىللىي پارلامېنتنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلانغان. 1955-يىلدىن كېيىن پارلامېنتنىڭ پەخرى باشلىقى بولغان. <ياۋروپا مۇداپىئە گۇرۇھى> ۋە فېدېراتىپ گېرمانىيىسىنىڭ يېڭىۋاشتىن قوراللىنىشىغا قەتئىي قارشى تۇرغان. <ئۆتمۈشتىكى ئىشلار> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.