Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
心理学
پسىخولوگىيە
پسىخولوگىيە
پسخىك ھادسىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى، ماھىيىتى، مېخانىزىمى ۋە ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش قانۇنىيەتلىرىنى ئوبيېكتىپ ئۇسۇللار ئارقلىق تەتقىق قىلىدىغان پەن. سەزگۈ، ئىدراك، خاتىرە، تەپەككۇر، ھېسسىيات، ئىرادە، قابىلىيەت قاتارلىقلار پسىخىك ھادىسىلەردۇر. تۈرلۈك پسىخىك ھادىسىلەر سان، سۈپەت جەھەتتىكى پەقلىرىگە قاراپ پسىخىك جەريانلار بىلەن ئىندىۋىدۇئال پسىخىك ئالاھىدىلىكلەردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمغا بۆلۈنۈپ تەتقىق قىلىنىدۇ. پسىخىك ھادىسىلەر ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەرگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئادەملەرنىڭ ئىچكى دۇنياسى بولۇپ، ئوبيېكتىپ ماددىي دۇنياغا قارىمۇ قارشى ھالدىكى روھىي تۇرمۇش ساھەسىگە كىرىدۇ. لېكىن ئۇلار يەنە ماددىي دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، ماددىي دۇنياغا تايىنىدۇ. ماھىيەت جەھەتتىن ئالغانداد ئادەم پسىخىكىسى ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى ئىنكاسى. ئادەم مېڭىسى ئوبيېكتىپ دۇنيانى قانداق ئىنكاس قىلدۇ؟ پسىخىكا قانداق پەيدا بولۇپ تەرەققىي قىلىدۇ ؟ مانا بۇلار پسىخولوگىيە كونكرېت تەتقىق قىلىدىغان مەزمۇنلاردۇر. پسىخولوگىيە پسخىك ھادسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ماھىيىتىنى بايان قىلىپلا قالماستىن بەلكى ئۇنى قانۇنىيەتلىك بىلىشكە كۆتىرىپ، پسىخىك جەريانلار بىلەن ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بارلىق قانۇنىيەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. پسىخىكا مېڭىنىڭ مەھسۇلى، شۇنىڭ ئۈچۈن پسىخىك پائالىيەتلەرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مېخانىزمىنى ئېچىپ بېرىشمۇ پسىخولوگىيىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولىدۇ. تۈرلۈك پسىخىك پائالىيەتنىڭ مېخانىزمىنى پسىخولوگىيە ئىزاھلاپ بېرىشى كېرەك. فىزىئولوگىيە، پسخو - فىزىكا، بىئو - خىمىيە، نېرۋا فىزىئولوگىيىسى قاتارلىق پەنلەرنىڭ سەۋىيىسىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، بۇنى ئىزاھلاش چوڭقۇرلاشماقتا. يېقىن كەلگۈسىدە پسىخولوگىيە پسىخكىنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مېخانىزمىنى ئىزاھلاشتا ئاجايىپ تەرەققىياتلارغا ئېرىشكۈسى.
پسىخولوگىيە بارلىق پسىخىك ھادىسىلەرنى ئەمەس ( گەرچە ھايۋانلار پسخىكىسىنى تەتقىق قىلىدىغان بولسىمۇ) ئاساسلىقى ئادەم پسىخكىسىنى، ئادەم پسىخىكسىنىڭ مەزمۇنىنى ئەمەس، ئاساسلىقى شەكلىنى ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. پسىخىكىنىڭ مەزمۇنى دېگەندە، بىز رېئاللىقتىن ھەمدە ھەر بىر كىشى ئاڭقارغان تۈرلۈك ئىنكاسلارنىڭ ئۆزىنى كۆزدە تۇتىمىز. پسىخىكىنىڭ شەكلى دېگەندە، بۇ خىل ئىنكاسلارنىڭ مەۋجۇتلۇق شەكلى ۋە ئۇلارنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى كۆزدە تۇتىمىز. مەسىلەن : بىز بۈگۈن يېڭى يېتىشتۈرۈلگەن قوغۇننى كۆردۇق، ئاخشام كۇلۇبتا يېڭى ناخشىلارنى ئاڭلىدۇق، ھۆكۈمەت دوكلاتىدىن سوتسىيالىزمنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشەندۇق، دېگەندىكى مېڭىمىزدە بارلىققا كەلگەن كونكرېت ئوبراز ۋە كونكرېت ئوي - پىكرلەرنىڭ ھەممىسى پسىخىكىنىڭ مەزمۇنى، «كۆردۇق»، «ئاڭلىدۇق» دېگەنلەر ئىدراك، «چۈشەندۇق» دېگىنىمىز تەپەككۇر بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى پسىخكىنىڭ شەكىللىرىدۇر.
پسخولوگىيىنىڭ خاراكتېرىدىن ئالغاندا بۇ بىر ئارىلىق پەن، مېڭىنىڭ ئىنكاس ئېتىش مېخانىزمىدىن ئالغاندا، ئادەم بىر تەبىئى مەخلۇق، ئىنكاسنىڭ رېئال مەزمۇنىدىن ئالغاندا، ئادەم ئىجتىمائىي مەخلۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم پسىخىكىسىنى تەكشۈرىدىغان پسىخولوگىيە تەبىئىي پەن خاراكتېرىگىمۇ، ئىجتىمائىي پەن خاراكتېرىگىمۇ ئىگە.
پسىخولوگىيىنىڭ تارماقلىرىمۇ كۆپ، پسىخىكىنىڭ ئومۇمىي شەكلى ۋە ئومۇمىي قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پسىخولوگىيە «ئومۇمىي پسىخولوگىيە» دەپ ئاتىلىدۇ. ھايۋانات پسىخىكىسى ياكى بالىلار پسىخىسىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پسىخولوگىيە «تەرەققىيات پسىخولوگىيىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. «سېلشتۇرما پسىخولوگىيە» بىلەن «بالىلار پسىخولوگىيىسى» تەرەققىيات پسىخولوگىيىسىنىڭ تارماقلىرىدۇر . تۈرلۈك ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى پسىخىك قانۇنىيەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پسىخولوگىيىلەرمۇ بار. مەسىلەن : مەكتەپ پسىخولوگىيىسى، مائارىپ پسىخولوگىيىسى، تىبابەتچىلىك پسىخولوگىيىسى، ھەربىي ئىشلار پسىخولوگىيىسى، ئەمگەك پسىخولوگىيىسى، ئالەم پسىخولوگىيىسى ۋە باشقىلار.
مائارىپ
xīn lǐ xué
پىسخولوگىيەDئۇنىۋېرسال
xīn lǐ xué
پسىخولوگىيە
Dسودا
xīn lǐ xué
پسىخولوگىيەDتېببىي
xīn lǐ xué
پسىخولوگىيەDتېببىي
xīn lǐ xué
پاتوپسخولوگىيە، روھىي كېسەل پسىخولوگىيىسى