Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
心理发展
پسىخولوگىيە
پسىخىك تەرەققىيات
بىر ئادەمنىڭ پسىخكىسى تۇغما بار نەرسە ئەمەس. ئۇ كېيىن تەدرىجيى پەيدا بولىدۇ ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ.
پسىخىكس تەرەققىيات دېگىنمىز، بىر شەخسىنىڭ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغىچە، ئاندىن قېرىپ ئۆلگىچە پسىخكىسىنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانىدۇر. لېكىن پسخىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسلا ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئەمەس. مەسىلەن : ھارغىنلىق، كېسەللىك سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن پسىخىك ئۆزگىرىشلەر پسىخىكىنىڭ تەرەققىياتى ھېسابلانمايدۇ. چۇنكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر دەم ئېلىش، ساقىيىش بىلەن ئەسلىگە كېلىدىغان ۋاقىتلىق ئۆزگىرىشلەردۇر. شۇنىڭدەك ئايرىم تەجرىبە ۋە ئۆگىنىشتە يۈز بەرگەن ۋاقىتلىق، قىسمەن ئۆزگىرىشلەرمۇ تەرەققىيات ھېسانلانمايدۇ. پەقەت تەجرىبىدە يۈز بەرگەن بىر قەدەر ئۇزۇن مۇددەتلىك پسىخىك ئۆزگىرىشلەرلا تەرەققىيات ھېسابلىنىدۇ.
پىشىپ يېتىلىشمۇ تەرەققىياتقا ئوخشايدىغان ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ ئاساسەن ئېرىسىيەت چەكلىمىسىدىكى فىزىئولوگىيىلىك فونكسىيە بىلەن قۇرۇلۇش جەھەتتىكى ئۆزگىرىش. گەرچە ئۇ پسىخىك تەرەققىياتتا مەلۇم رول ئوينىسىمۇ، لېكىن پسىخىك تەرەققىيات بىلەن ئوخشاش ئۇقۇم ئەمەس. بۇنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك.
پسىخىك تەرەققىيات ئۈزلۈكسىز جەريان. تەدرىجىي ھالدا ساننىڭ توپلىنىشى ئاساسىدا سۈپەت ئۆزگىرىشى يۈز بىرىدىغان جەريان. يېڭى سۈپەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ پسىخىك تەرەققىيات بىر يېڭى باسقۇچقا يېتىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ باسقۇچلۇق خاراكتېرى ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭ باسقۇچلۇق بولۇشى ئادەمنىڭ يېشى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ.
بالا تۇغۇلغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ پسخىكىسى كېيىن تەرەققىي قىلىشىنى ئىمكانىيەت (مۇمكىنچىلىك) بىلەن تەمىنلەيدىغان ۋە ئادەمگە خاس ئاناتومىيە ھەم فىزىئولوگىيىلىك مېخانىزىمغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پىشىپ يېتىلمىگەن بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالا ئاجىز، كۈچسىز بىر مەخلۇق بولۇپ، كۆپرەك ۋاقتى ئۇيقۇلۇق ھالەتتە ئۆتىدۇ. بالا تۇغۇلۇپ بىر قانچە كۈنگىچە پەقەت ئىمىش، قوغدىنىش، يورۇققا قاراش قاتارلىق شەرتسىز رېفلېكىس ياكى تۇغما قابىلىيەتكىلا ئىگە بولۇپ، ئەقەللى، ئەڭ ئاساسىي پسىخىك پائالىيەت بولغان سەزگۈ تېخى دىففېرىنسيىلەنمىگەن ۋە مۇكەممەللەشمىگەن بولىدۇ. پەقەت كېيىنكى تۇرمۇش شارائىتى بىلەن تەربىيە ئارقىلىق تېنىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى ۋە مېڭىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى، بولۇپمۇ ئىندىۋىدۇئال پائالىيەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بالىدا تەدرىجىي ھالدا تۈرلۈك پسىخىك شەكىلدىكى پائالىيەت جەريانى ۋە ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. دەسلەپ ئاڭلاش، كۆرۈش سەزگۈسى تەرەققىي قىلىدۇ، ئاستا - ئاستا ئىدراك بىلەن تەسەۋۋۇر پەيدا بولىدۇ. كېيىن نوتۇق بىلەن تەپەككۇر پەيدا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىندىۋىد (بالا) نىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، شەيئىلەر ۋە ئادەملەرگە بولغان تۈرلۈك پوزىتسىيىلىرى ، تۈرلۈك ھەرىكەت ئۇسۇللىرى شەكىللىنىشكە باشلايدۇ ھەمدە مەلۇم پائالىيەتلەرنى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىيەلەيدىغان بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن تەدرىجىي ھالدا چوڭلارنىڭ پسىخىك سەۋىيىسىگە يېتىدۇ ۋە ئىجتىمائىيلىشىشى تاماملىنىدۇ. كىشى قېرىلىق مەزگىلىگە كەلگەندە بەزەن پسىخىك پائالىيەتلىرى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. مەسىلەن: مېخانىك خاتىرە قابىلىيىتى، تەپەككۇرنىڭ كەڭلىكى بىلەن تېزلىكى جەھەتتە ئاجىزلىق ئىپادىلىنىدۇ. ئىندىۋىدۇئال پسىخىك ئالاھىدىلىكلىرىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئومومەن، ئادەم پسىخىكىسى پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش، ئاجىزلىشىش جەريانىدىن ئۆتىدۇ.
پسىخىكا تەرەققىياتى باشقا شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئوخشاش ئۇنىڭ ئىچكى زىددىيىتىگە باغلىق. پسىخىكىنىڭ ئىچكى زىددىيىتى ئۇنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ پائالىيىتى جەريانىدا ئۈزلۈكسىز پەيدا بولغان يېڭى ئېھتىياج بىلەن ئەسلىدىكى پسىخىك تەرەققىيات سەۋىيىسى ئارىسىدىكى زىددىيەت پسىخىك تەرەققىياتنىڭ ئىچكى زىددىيىتى بولۇپ، بۇ خىل زىددىيەت پسىخىك تەرەققىياتنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۇچىدۇر. ئېرىسيەت پسىخىك تەرەققىياتنىڭ ئىچكى شارائىتى ياكى تەبىئىي ئالدىنقى شەرتى. ئۇ پسخىك تەرەققىياتنى كەم بولسا بولمايدىغان ماددىي ئاساى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۇھىت پسىخىك تەرەققىياتنىڭ تاشقى شارائىتى، ئۇ پسىخىك تەرەققىياتنىڭ ئىمكانىيىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. ئىجتىمائىي مۇھىت بىلەن مەكتەپ تەربىيىسى پسىخىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي تاشقى شارائىتى. بۇ ئىككىسى پسىخىكىنىڭ تەرەققىياتىدا يېتەكچى رول ئوينايدۇ.
مائارىپ,تەنتەربىيە
xīn lǐ fā zhǎn
پىسخىكىلىق تەرەققىيات