Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
希庇亚
دۇنيا تارىخى
ھىپىئاس
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 560 - 490) قەدىمكى ئافىنا تىرانى (مىلادىدىن ئىلگىرى 527 - 510). پىستراتوسنىڭ چوڭ ئوغلى. ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن تىران بولۇپ، ئىنىسى ھېپاركۇس بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. دەسلەپ ئاتىسىنىڭ يولغا قويغان ئىچكى - تاشقى سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئازراق تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ ئىنىسى نەزىمگە ئامراق، ئامما بەڭباش بولۇپ ئاستوگېتون تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن (مىلادىدىن 514 يىل ئىلگىرى). ئېيتىلىشىچە ھىپىئاس شۇنىڭدىن ئېتىبارەن زالىملىقتا ھەددىدىن ئېشىپ خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. سپارتا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەسكەر چىقىرىپ ئافىنانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئۇنى قوغلاپ چىقارغان (مىلادىدىن 510 يىل ئىلگىرى). ئۇ دەسلەپ لامپساكۇس (كىچىك ئاسىيادا) تىراننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان، كېيىن پېرسىيىگە تەسلىم بولۇپ، دارې Ⅰ (دارا سىياۋۇش) نىڭ گرېتسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە پىلان كۆرسىتىپ بەرگەن. مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى (بۇ چاغدا ئۇ ياشىنىپ قالغان) پېرسىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ، مارافون تۈزلەڭلىكىدە (ئافىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا) قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە ھۇجۇم قىلغان. بۇ قېتىم پېرسىيە مەغلۇپ بولغان. بۇ ئېيتىلىشىچە ئۇ، بۇ قېتىمقى جەڭدە ئۆلگەن، يەنە بىر ئېيتىلىشچە مارافون جېڭىدىن كېيىن لېمنوس (ئېگېي دېڭىزىدىكى ئارال) ئارىلىدا ئۆلگەن دېيىلىدۇ.