Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
希帕库斯
دۇنيا تارىخى
ھىپپاركوس
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 190 - 125) قەدىمكى زامان يۇنان ئاسترونومى. كىچىك ئاسىيانىڭ نىسيە دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. بىر مەزگىل ئىسكەندەرىيە (مىسىر) شەھىرىدە تۇرغان. رودوس ئارىلىدا ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش بىلەن شۇغۇللانغان. ئاسترو - گئودېزىيە ئىلمىغا ئاساس سالغان بولۇپ، غەرب ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق تۆھپىسى، 850 (يەنە بىر ئېيتىلىشچە 1025 دېيىلىدۇ) دىن كۆپرەك يۇلتۇزلار تۈركۈمىنىڭ ئورنى ۋە ئۇنىڭ يورۇقلۇق مىقدارى خاتىرىلەنگەن بىر پارچە سخېما تۈزۈپ چىققان؛ ئالدىنقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ سخېمىسى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تۇنجى قېتىم <يىل پەرقى> (قۇياش يىلنىڭ سىدېرىلىق يىلدىن قىسقا بولۇش ھادىسىسى) نى بايقىغان، شۇنىڭدەك بۇ خىل ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ئىكلېپتكا بىلەن ئېكۋاتورنىڭ كېسىشكەن نۇقتىسىنىڭ ئاستا - ئاستا سۈرۈلۈپ بېرىش تۈپەيلىدىن بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كېيىن ئاسترونوم پىتولېمىي (مىلادى Ⅱ ئەسىرىدە) تەرىپىدىن قوبۇل (ئۇنىڭ <ئاسترونومىيىدىن ئومۇمىي بايان> ناملىق ئەسىرىدە ساقلانغان) قىلغان، ئېيتىلىشچە ئۇ، گېئومېتىرىيىلىك قىياستىن پايدىلىنىپ قۇياشنىڭ تاشقى ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرگەن، شۇ ئارقىلىق يەر شارى مەركەز تەلىماتىنى ئېنىق بەلگىلەپ چىققان، كېيىنكىلەرگە خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇ يەنە ئۈچ بۇلۇڭ ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلىپ ئۇنى يەر شارى يۈزى ئاستونومىيىسىگە تەتبىقلىغان. مېرىدىئان ۋە پاراللېلدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ يەر شارىدىكى ئورنىنى بەلگىلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى يوقالغان بولۇپ، پەقەت قەدىمكى يۇنان شائىرى ئاراتوسنىڭ (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 315 - 240) <ئاسترونومىيىلىك ھادىسىلەر> ناملىق ئەسىرىگە بەرگەن ئىزاھاتلىرىدىلا ساقلىنىپ قالغان.