Uyghurئاساسىي لۇغەت
خەۋەر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم، نەرسە ياكى ۋەقە _ ھادىسە توغرىسىدىكى مەلۇمات.
خەۋەر ھېچ ۋاقىت بولمايدۇ ئاياندەك، گۇمان يولىماس كۆڭۈلگە چىن راۋاندەك. ئادەمدە تەۋەززۇ ئەقىلدىن دېرەك، ئۇلۇغلۇق ھىممەتتىن تاپىدۇ بېزەك. ھازىرقى زامان ئۇچۇر زامانى، ئۇچۇر ئالماي ئىش قىلماق تەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر نەرسە ياكى ھادىسە، ئىش ۋە باشقىلار ھەققىدىكى مەلۇمات؛ دېرەك، ئۇچۇر، ئاخبارات.
خەۋەر بەرمەك. خەۋەر تاپماق. خەۋەر قىلماق. يېڭى خەۋەر. خۇش خەۋەر. شۇم خەۋەر.
سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم يەپتۇ (ماقال).
<تىل> جۈملىنىڭ ئىگە توغرىسىدىكى بايانى، يەنى جۈملە ئىگىسىنىڭ قانداقلىقىنى ياكى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگۈچى بۆلىكى.
جۈملە خەۋىرى.