Uyghurئاساسىي لۇغەت
خەلۋەتىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
تۈركىيدىكى تەسەۋۋۇپچىلارغا مەنسۇپ ئەل ئىچىدىكى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلى بولۇپ، ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى توغرىسىدىكى سۆزلەر پەرقلىنىدۇ. بەزى ئۆلىمالار بۇ دىنىي پىرقە ئوتتۇرا ئاسىيادا بارلىققا كەلگەن مۇستەقىل پىرقىدۇر. ئۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىسىگە ئىگە، دەسلەپ خىلۋان ۋە ئەزەربەيجاندىكى قارا قۇيۇنلۇ تۈركىمەنلىرى ئىچىدە تارقالغان، دەپ قارايدۇ. بەزى ئۆلىمالار ئۇنى سۇھرەۋەردىيەنىڭ شۆبىسى. ئۆمەر خەلۋەت (؟ - 1398) خۇراساندا قۇرغان. 15 - ئەسىرنىڭ باشلىرى مۇھەممەد شەمشىددىن (؟ - 1439) بۇخارادىن بۇرسۇغا كۆچۈپ كېلىپ، بۇ پىرقىنى ئاناتولىيىگە تارقاتقان، دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، يەھيا شىرۋانى (؟ - 1460) خەلۋەتىيەنىڭ دىنىي قائىدىسىنى تۈزۈپ چىققان. شۇ ئادەم بۇ پىرقىنىڭ ھەقىقىي ئاساسچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوسمانلى تۈركلىرىنىڭ سىرتنى بويسۇندۇرۇش ۋە سىرتقا كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ پىرقە ھىجاز، يەمەن، مىسىر، سۇدان، سومالى، ئالجىرىيە قاتارلىق جايلارغا تارقالدى. بۇ پىرقە مۇرىدلىرىنى قاتتىق تەربىيىلىدى. رەھبەرلىرى ھۆرمەتكە ئىگە بولدى. لېكىن، شاگىرتلارنى بىلىم تەھسىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن تەرەققىيات داۋامىدا ئىچكى قىسىمدا نۇرغۇن تارماقلار شەكىللەندى. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، بۇ پىرقە دەسلەپكى چاغلاردا شىئە مەزھىپىدىكى سوپىزم بولۇپ، ھەزرىتى ئەلىگە ۋە ئىمام تەلىماتىغا ئىخلاس قىلغان. ئۆمەر خەلۋەت شىئە مەزھىپىدىكى ئون ئىككى ئىمامنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 12 كۈن روزا تۇتۇشنى بەلگىلىگەن. لېكىن، ئاناتولىيىگە تارقالغاندىن كېيىن، ئوسمانلى ھۆكۈمرانلىقىدىكى سۈننىي مەزھىپىنىڭ كۆز قارىشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، شىئە مەزھىپىنىڭ بەزى ئەقىدە ۋە كۆز قارىشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، شىئە مەزھىپىنىڭ بەزى ئەقىدە ۋە كۆز قاراشلىرىنى تەڭشەپ ۋە تۈزىتىپ، ئاساسىي ئەقىدىدە سۈننىي مەزھىپىگە ئەگەشكەن. بۇ پىرقىنىڭ قائىدىسى چىڭ بولۇپ، خەلۋەنى تەشەببۇس قىلىدۇ.