Uyghurئاساسىي لۇغەت
خەلىپە ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ھەرىكىتى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەنگلىيە قاتارلىق ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيىنى بۆلۈشۈۋېلىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ رەھبىرى خەلىپىنى (تۈركىيىدە سۇلتاننى) قوغداش شوئارى ئاساسىدا قوزغالغان. 1919-يىلىنىڭ ئاخىرى خەلىپە كومىتېتى قۇرۇلغان. ئۇنىڭغا ھىندىستان خەلق كونگىرېسى پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىدىن ئاكائۇكا مۇھەممەد ئەلى ۋە شەۋكەت ئەلىلەر رەھبەرلىك قىلغان، بۇ ھەرىكەتكە ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەرتەبىقە ئاممىسى قاتناشقان. 1919-يىلى ئەنگلىيە ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان. ئەنگىلىيە ھىندىستان ئارمىيىسىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان نۇرغۇن ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ۋە ھىندى مۇرىتلىرى ئافغانىستان تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھىندىستاندا <باش تارتىش ھەرىكىتى> قوزغالغان. كۆپلىگەن ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ھىندىستاندىن ئايرىلىپ، قوشنا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە كەتكەن. 1920-يىلى 8-ئايدا ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيىنى بۆلۈشۈۋېلىش توغرىسىدىكى <سېفولى شەرتنامىسى> نى ئىمزالىشى ھەرىكەتنىڭ تەرەققىياتىى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن. 9-ئايدا خەلق كونگىرېسى پارتىيىسى كالكونتىدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، خەلىپە ھەرىكىتىنىڭ تەلىپىنى ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى پروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى قىلىشنى قارار قىلغان. 1922-يىلى ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى توختاپ قالغانلىقى ھەمدە تۈركىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسى، 1923-يىلى ۋە 1924-يىلى تۈركىيە سۇلتانلىقى ۋە خەلىپىسى ئىلگىرىكېيىن بولۇپ بىكار قىلىنغانلىقى تۈپەيلىدىن ھەرىكەت توختاپ قالغان.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پان ئىسلامىزم ھەرىكىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئەنگلىيىنىڭ گېرمانىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشىنى قوللسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگىلىيىگە قارشى تۇرغان ئوسمانلى خەلىپىسىنىڭ ئورنىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. ئۇرۇشتن كېيىن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خەلىپىنىڭ ئورنىنى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش توغرىسىدا 1918 - يىلى بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلدى. بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغان ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى خەلىپىنى قوغدايدىغان ھەركەت قوزغىدى. 1919 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنىنى <خەلىپە كۈنى> قىلىپ بېكىتتى ھەمدە <خەلىپە كېڭىشى> قۇردى (كېيىن ھىندىستان بويىچە خەلىپە كومىتېتىغا ئۆزگەرتىلدى). ھىندىستان كونگرېس پارتىيىسىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، مۇھەممەد ئەلى جەۋھەر (1879 - 1931) قاتارلىق كىشىلەر 1919 - يىلى 11 - ئايدا دېھلىدا خەلىپە يىغىنى چاقىرىپ، گەندىنىڭ ھەمكارلاشماسلىق لايىھىسىنى ماقۇللىدى. كېلەر يىلى 3 - ئايدا مۇھەممەد ئەلى جەۋھەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ لوندونغا بېرىپ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىدىن ئوسمانلى خەلىپىسىنىڭ مەككە، مەدىنە ۋە ئېرۇسالىمدىكى ھامىيلىق ھوقۇقىنى ساقلاپ قىلىشنى، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە تەۋە ئەرەب زېمىنلىرىنى ۋە ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى چېگرىنى ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەلەپلەر رەت قىلىندى. ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ داھىيلىرى بىرلىشىپ 10 - ئايدا ھىندىستان باش ۋالىيسىغا خەت سۇندى، بۇنىڭمۇ ئۈنۈمى بولمىدى. ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي داھىيسى شۇ يىلى ئەنگلىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھىندىستاننى <ئۇرۇش رايونى> دەپ جاكارلاپ، مۇسۇلمانلارنى خەلىپىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشقا، غەيرىي مۇسۇلمانلار ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان جايلاردىن كېتىشكە، ھەر خىل شەكىلدىكى جىھادلارنى قانات يايدۇرۇپ، ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەملىكچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى. 18 مىڭدەك مۇسۇلمان ئەسكەر ئافغانىستانغا كۆچتى، نەچچە مىڭ ئادەم يولدا جان بەردى. جايلاردىكى مۇسۇلمانلار گەندىنىڭ ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتىكە قاتناشتى. غەربىي شىمال رايونىدا جىھاد تەشىلاتلىرى پەيدا بولدى. 1921 - يىلى 7 - ئايدا خەلىپە كومىتېتىنىڭ كاراچى يىغىنى ئەنگىلىيىگە قارشى قاتتىق تەكلىپ لايىھىسىنى ماقۇللىدى. 8 - ئايدا مالابار، موپرالار قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، باستۇرۇلدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 1924 - يىلى خەلىپىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، بۇ ھەرىكەت تەدرىجىي يوقالدى.