Uyghurئاساسىي لۇغەت
خەلقئارا ئىتتىپاق
خەلقئارا يىغىنلار
1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەتكە مىسلىسىز ئاپەت ئېلىپ كەلدى، ھەرقايسى ئەللەر خەلقى بىرەر خەلقئارا تەشكىلات ئارقىلىق دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئۇرۇش ئاپىتىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشقا تەشنا بولدى. شۇڭا، خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇلغان چاغدا سانسىزلىغان كىشىلەردە ئۇنىڭغا بولغان ئارزۇ قوزغالدى.
خەلقئارا ئىتتىپاق1919 - يىلى پارىژ سۈلھى يىغىنىدا ماقۇللانغان «خەلقئارا ئىتتىپاق شەرتنامىسى» غا بىنائەن،1920 - يىل1 - ئاينىڭ20 - كۈنى رەسمىي قۇرۇلدى. «ئىتتىپاق شەرتنامىسى» دە «خەلقئارا ئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنىڭ تىنچلىقىنى ساقلاش» كېرەكلىكى جىددىي تۈردە جاكارلاندى ھەمدە ئۇنىڭدا ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش، تاجاۋۇزچىلارنى جازالاش قاتارلىق كونكرېت ۋەزىپىلەر بەلگىلەندى. ئۇنىڭغا قاتناشقان دۆلەتلەر دەسلەپتە44 ئىدى، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ63 دۆلەت خەلقئارا ئىتتىپاققا قاتناشتى. پارلامېنت تەستىقلىمىغانلىقتىن، ئامېرىكا بۇنىڭغا قاتناشمىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى1934 - يىلىدىن1939 - يىلىغىچە خەلقئارا ئىتتىپاققا قاتناشتى، گېرمانىيە بىلەن ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى دەسلەپتە خەلقئارا ئىتتىپاققا قاتناشتۇرۇلمىدى.1933 - يىلى3 - ئايدا ۋە10 - ئايدا، شۇنىڭدەك1937 - يىلى ياپونىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ خەلقئارا ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىقتى.
خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ئاساسلىق ئاپپاراتلىرىدىن ئومۇمىي يىغىن، مەمۇرىيەت مەھكىمىسى ۋە كاتىبات باشقارمىسى بار. ئومۇمىي يىغىن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، ھەربىر دۆلەت بىر ئاۋاز بېرىدۇ. مەمۇرىيەت مەھكىمىسى توققۇز دۆلەت ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، ئىتالىيە، ياپونىيە بۇنىڭ دائىمىي ئەزا دۆلىتىدۇر. باشقا غەيرىي دائىمىي ئەزا بولغان تۆت دۆلەت ئومۇمىي يىغىندا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئۇلار ھەر يىلى بىر قېتىم ئالماشتۇرۇلىدۇ. ھەر يىلى9 - ئايدا خەلقئارا ئىتتىپاق مەنزىرىسى گۈزەل بولغان جەنۋەدە ئومۇمىي يىغىن ئاچىدۇ، كۆپچىلىك بۇ يەردىن تىنچلىق خۇش خەۋىرىنى ئاڭلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
لېكىن، خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ئەمەلىي پائالىيىتى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئۇ پەقەت ئەينى ۋاقىتتىكى بىرقانچە چوڭ دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىدىكى، دۇنيا ھۆكۈمرانلىق تەرتىپىنى ساقلايدىغان قورالدىنلا ئىبارەت ئىدى. خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ ئەڭ ئاكتىپ تەشەببۇسچىسى بولغان ئامېرىكا رەھبەرلىك ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى رەت قىلدى. ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ بەزى مۇستەملىكىلەرگە ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، بۇ مۇستەملىكىلەرنى دەبدەبىلىك بىلەن كېڭەيتتى. ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنلىرى ھەر يىلى ئېچىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى. بولۇپمۇ گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق ئۈچ فاشىستىك دۆلەتنىڭ سىرتقا بولغان تاجاۋۇزچىلىقى خەلقئارا ئىتتىپاققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ۋاقىتتا، خەلقئارا ئىتتىپاق تاجاۋۇزچىلارنى جازالاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالماستىن، بەلكى ئۇنىڭغا مادارا قىلدى.1939 - يىلى2 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندا، خەلقئارا ئىتتىپاق ئىسمى بار، جىسمى يوق تەشكىلاتقا ئايلىنىپ قالدى.1945 - يىلى ئۇنىڭدىنمۇ كەڭ بولغان خەلقئارالىق تەشكىلات − بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) قۇرۇلدى.2 - يىلى4 - ئايدا خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكى ئۆزلۈكىدىن جاكارلاندى، ئۇنىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابى ب د ت غا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
دۇنيا تارىخى
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان خەلقئارا تەشكىلات. پارىژ سۈلھ كېڭىشىدە ماقۇللانغان <خەلقئارا ئىتتىپاق شەرتنامىسى> گە ئاساسەن، 1920 - يىلى 1 - ئايدا قۇرۇلغان. ئاساسلىق ئورگانلىرىدىن: (ئەزا دۆلەتلەر) يىغىنى، مەمۇرىي مەھكىمە، كاتىبات باشقارمىسى، قوشۇمچە تەسىس قىلىنغان خەلقئارا سوت، خەلقئارا مېھنەتكەشلەر ئىدارىسى قاتارلىقلار بار. باش ئورگىنى جەنۋەدە تەسىس قىلىنغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاتناشقان دۆلەتلەر 63 كە يەتكەن. ئامېرىكا ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئۇ ئەنگىلىيە، فرانسىيە بىلەن رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىپ مەغلۇپ بولغاچقا ئىتتىپاققا قاتناشمىغان. ياپونىيە بىلەن گېرمانىيە 1933 - يىلى ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىققان، ئىتالىيە 1937 - چېكىنىپ چىققان.سوۋېت ئىتتىپاقى 1934 - ئىتتىپاققا قاتناشقان، 1939 - يىلى چىقىرىۋېتىلگەن. خەلقئارا ئىتتىپاق <خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش> نى كۆز - كۆز قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئەنگىليىە، فرانسىيە قاتارلىق كاپىتالىستىك چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ۋېرسال - ۋاشىنگىتون سېستىمىسىنى قوغداش، دۇنياغا خوجا بولۇش ھوقۇقىنى تالىشىشنىڭ قورالى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، <خەلقئارا ئىتتىپاق> نىڭ نامىلا قېپقالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، 9461 - يىلى 4 - ئايدا تارقىتىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ بارلىق مال - مۈلكى ۋە ئارخىپلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.