Uyghurئاساسىي لۇغەت
خەلقئارا ئىسلام بانكا جەمئىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
خەلقئارالىق ئىسلام پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتى بولۇپ، 1977 - يىلى 8 - ئايدا قۇرۇلدى. باش ئورگىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددەھ شەھىرىدە. 1981 - يىلى سېنېگال، نىگېرىيە، گۋىنىيە قاتارلىق 11 ئىسلام بانكىسى ياكى ئورگىنى قاتناشتى. مەقسىتى: (1) ئوخشاش خىلدىكى بانكىلارنى تېخنىكا جەھەتتە يېتەكىلىك قىلىش ۋە كەسپىي جەھەتتە ياردەم بېرىش؛ (2) رايون ياكى خەلقئارا خاراكتېرىدىكى بانىكلارنى داۋاملىق قۇرۇپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىگە ئىلھام ۋە ياردەم بېرىش؛ (3) بانكىلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىشىش ۋە ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇشنىڭ پرىنسىپلىرىنى تۈزۈپ چىقىش، نورمال كەسىپكە ئارىلاشمىغان ئەھۋالدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەملىشىش؛ (4) بانكىلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ۋەكىللىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش؛ (5) بانكىلار ئارىسىدىكى كەسپىي تۈزۈمنى ۋە پۇل مۇئامىلە دائىرىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە تەڭشەش؛ (6) بانكىلارنىڭ كونكرېت پىلانلىرى ۋە تۈرلىرى ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىش ۋە تەتقىق قىلىش، مەبلەغ تەييارلاشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىش؛ (7) ھەر قايسى بانكىلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كەسىپىي سەۋىيىسىنى تولۇق قوزغاش ۋە جارى قىلدۇرۇش؛ (8) پۇل، سۇغۇرتا قاتارلىق ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇۋاپىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش؛ (9) ئىسلام جەمئىيىتىدە تەربىيە ئېلىپ بېرىش، ئىسلام دىنىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىتىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىللە فەقىھلەردىن تەركىب تاپقان شەرىئەت ئەھكامى بويىچە ھۆكۈم قىلىش ئورگانلىرىنى تەسىس قىلدى. سپروستا خەلقئارا ئىسلام ئىقتىساد ۋە بانكا ئىنستىتۇتى قۇرۇپ، كەسپىي خادىملارنى تەربىيىلىدى.