Uyghurئاساسىي لۇغەت
خەيدۇڭ تارىخى
دۇنيا تارىخى
كىتاب نامى. چاۋشەننىڭ لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھەقىقىي بىلىم تەرەپدارلىرىدىن بولغان ئالىم خەن جىيون تۈزگەن. جۇڭگو، ياپونىيىدىكى 540 نەچچە خىل قەدىمكى ئەسەرلەردىكى چاۋشىيەنگە دائىر خاتىرىلەرنى ئېلىپ، تۈرلەرگە ئايرىپ تۈزۈپ چىققان. دەسلەپ 70 جىلد تۈزگەن، كېيىن يەنە 15 جىلد تۈزگەن، جەمئىي 85 جىلد بولغان. ئۇ ئەسەرلەر، يىلنامە ئەدەب قائىدە تەزكىرىسى، مۇزىكا تەزكىرىسى، ئەسكىرىي تۈزۈ، جازا تەزكىرىسى، يېمەك ئىچمەك تەزكىرىسى، مەھسۇلاتلار تەزكىرىسى، ئۆرپ ئادەت تەزكىرىسى، ئوردا تەزكىرىسى، ئەمەلدارلار تەزكىرىسى، بۇددا دىنى تەزكىرىسى، تويلۇق تەزكىرىسى، سەنئەت تەزكىرىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنگەن (ئۇنىڭ ئىچىدە 1-دىن 16-جىلدقىچە شەرقىي يى بەگلىكلىرى، تەنجۈن دەۋرىدىكى چاۋشىيەندىن تارتىپ، كورىيە سۇلالىسىگىچە) ئۇنىڭدىكى نەقىل كەلتۈرۈلگەن ماتېرىياللار مول ھەم ئەمەلىي بولۇپ، قاتتىق تەكشۈرۈلگەن، ئۇ يېڭزۇ، جېڭزۇ سۇلالىلىرىدىكى ھەقىقىي بىلىم تەرەپدارى بولغان ئالىملارنىڭ تارىخ، جۇغراپىيە، ھەربىي ئىشلار، ئەدەبىيات، جەمئىيەت تۈزۈمى جەھەتتىكى تەتقىقاتلىرىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ <جۇغراپىيىلىك تەكشۈرۈش> دېگەن 15 جىلدلىق داۋامىغا ئۇنىڭ جىيەنى خەن جېنشۇ ئىزاھ يازغان. بۇ چاۋشىيەن جۇغراپىيىسىنى تەتقىق قىلغۇچىلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان.