Uyghurئاساسىي لۇغەت
خەيبەر غازىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 628 - يىلى يەھۇدىيلارنىڭ مۇھىم بازىرى خەيبەر (ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىچىدە) نى بويسۇندۇرغان ئۇرۇش. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى قۇرەيش ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن ھۇدەيبىيە سۈلھىسى تۈزگەندىن كېيىن، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مەدىنە ئەتراپىدىكى رايونلارنى بويسۇندۇردى. نادىر جەمەتىدىكى ئاقسۆڭەكلەر مەدىندىن قوغلىۋېتىلگەندن كېيىن، خەيبەرگە بېرىۋالدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇشۇنى ئاساس قىلىپ، قوشۇن باشلاپ بېرىپ خەيبەرغە 11 كېچە - كۈندۈز قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، ئاخىر شەھەرنىڭ سۈيىنى ئۈزۈۋېتىپ، يەھۇدىيلارنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلدى. ئاھالىنىڭ داۋاملىق شۇ يەردە تېرىقچىلىق قىلىشىغا يول قويدى. لېكىن، ھوسۇلنىڭ يېرىمىنى تاپشۇرۇشنى بەلگلىدى. يەھۇدىيلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ئاقساقىلىنىڭ تۇل قالغان ئايالى سافىيەنى ئەمرىگە ئالدى، ھالال ۋە ھارام ھايۋاناتلار توغرىسىدا پەرمان چىقاردى. مەدىنە ئەتراپىدىكى رايونلار مۇشۇنىڭغا ئوخشاش شەرت بىلەن ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدى.