Uyghurئاساسىي لۇغەت
خاتىمۇل ئەنبىيا
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودا خەنزۇچە تىل - يېزىق قوللىنىدىغان مۇسۇلمانلار (ئاساسلىقى خۇيزۇلار) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى شۇنداق دەپ ئاتايدۇ. ئىسلام دىنىغا دائىر خەنزۇچە ئەسەرلەردە پەيغەمبەرلەر خاتىمۇل ئەنبىيالار، ئۇلۇل ئىزمىلار، مۇرسەللەر، ئەنبىيالاردىن ئىبارەت تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. خاتىمۇل ئەنبىيا دېگەندە خاس مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇلۇل ئىزمىلار دېگەندە، ئادەم ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، يۇنۇس ئەلەيھىسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام، ئىيسا ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت بەش پەيغەمبەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مۇرسەللەر دېگەندە پەرىشتە جىبرىئىلنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاللانىڭ ۋەھىيسىگە ئىگە بولغان نۇھ ئەلەيھىسسالام، داۋۇد ئەلەيھىسسالام، سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام، ئەييۇب ئەلەيھىسسالام قاتارلىق پەيغەمبەرلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇنداق پەيغەمبەرلەر 313 كىشىگە يېتىدىكەن.