Uyghurئاساسىي لۇغەت
خارەزىمى
دۇنيا تارىخى
(780 -850) ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى مۇسا بولۇپ، خارەزمدە تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتىغان. مەشھۇر ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم. باغداد رەسەتخانىسىدا ئىشلىگەن. دۇنيا بويىچە تۇنجى ئالگېبرا ئىلمى ئەسىرى <ئىنتېگرال ۋە تەڭلىملىك ھېسابلاش ئۇسۇلى> دا 800 دىن كۆپرەك مىسال كەلتۈرۈپ، ئالگېبرانى راۋاجلاندۇرۇپ، مۇستەقىل ئىلىمگە ئايلاندۇرغان. ئالگېبرا دېگەن بۇ ئاتالغۇ شۇ كىتابتىكى <ئال - جەبىر> (ئىنتېگرال مەنىسىدە) دىن كەلگەن. بۇ كىتاب ⅩⅡ ئەسىردە لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئاساسلىق دەرسلىكى قىلىنىپ، ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئاساسلىق دەرسلىكى قىلىنىپ، تاكى ⅩⅥ ئەسىرگىچە ئىشلىتىلگەن. ئەرەب رەقىمىمۇ مۇشۇ كىتاب ئارقىلىق غەربكە تارقالغان. ياۋروپالىقلار ئەرەب رەقىمىنى Algrism دەپ ئاتىغان. بۇ ئەل خارەزمىنىڭ بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىش شەكلىدە ئىبارەت. ئۇ يەنە قەدىمكى ھىندىستان ۋە يۇنان ئاستورنومىيىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يەكۈنلەپ، ئالدىنقىلارنىڭ نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىپ، مەشھۇر خارەزمى كالېندارىنى تۈزۈپ چىققان.