Uyghurئاساسىي لۇغەت
خانقىز
ھايۋاناتلار دۇنياسى
ھەر يىلى5 −6 - ئايلاردا دۆلىتىمىزنىڭ مەشھۇر دېڭىز ساھىلى بېيدەيخېنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى قىسمەن دېڭىز قىرغاقلىرىدا قىزىل دەرەخ، قىزىل دېڭىز، قىزىل قىرغاقتىن ئىبارەت ئاجايىپ مەنزىرىلەر بارلىققا كېلىدۇ. لېكىن، ئىنچىكىلەپ كۆزەتسەك دەرەختە ئېسىلىپ تۇرغانلىرى، دېڭىزدا لەيلەپ يۈرگەنلىرى، قىرغاقتا يەرگە يېيىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى گۈزەل، قىزىل رەڭلىك ھاشارات بولۇپ، ئۇلار مەخسۇس زىيانداش ھاشاراتلارنى يەيدىغان تۆھپىكار خانقىزلاردۇر.
خانقىزنىڭ دۈمبىسى قاپاقتىن ياسالغان چۆمۈچكە ئوخشايدۇ. خانقىز ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتىگە قاراپ ئۆسۈملۈكخورلار ۋە گۆشخورلار دەپ ئىككى چوڭ تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ. ئۆسۈملۈكخور خانقىز ئۆسۈملۈكنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. تۈرى بىرقەدەر ئاز بولۇپ، خانقىزلارنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار ئىنسانلار ئۈچۈن زىيانلىق؛ گۆشخور خانقىزلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، دېھقانچىلىق زىيانداش ھاشاراتلىرىنى يېيىشنى ئاساس قىلىدۇ، كۆپىنچە كۆكپىت، قاسىراقلىق قۇرت، ئاق سالجا، يوپۇرماق سالجىسى ۋە باشقا بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلار قاتارلىق دېھقانچىلىققا زىيان سالىدىغان ھاشاراتلارنى يەيدۇ.
يەتتە چېكىتلىك خانقىز گۆشخور خانقىزلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى7 مىللىمېتىرغا توشمايدۇ، تۇخۇم شەكىللىك؛ دۈمبە قىسمى يېرىم شارغا ئوخشاش كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ تۇرىدۇ. بېشىنىڭ رەڭگى قارا، چوققىسىدا ئىككى پارچە سۇس سېرىق داغ سىزىقى بار، ئالدى كۆكرىكى قارا، پۇتى قارا بولۇپ، پۇتىدا قويۇق ئۇششاق تۈكلىرى بار. غىلاپ قانىتى قىزىل ياكى قىزغۇچ سېرىق بولۇپ، ئۈستىدە يەتتە تال قارا دېغى بار. شۇڭا يەتتە يۇلتۇزلۇق خانقىز دەپ ئاتالغان. ئۇ كۆكپىت تۇتۇپ يېيىش ماھىرى بولۇپ، كېۋەز كۆكپىتى، بۇغداي كۆكپىتى، كۆكتات كۆكپىتى، شاپتۇل كۆكپىتى قاتارلىقلارنى ئالاھىدە ياخشى كۆرۈپ يەيدۇ. بەزىلەرنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، بىر دانە يەتتە چېكىتلىك خانقىز ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن138 تال كۆكپىت يەيدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاگرونوملار (دېھقانچىلىق ئالىملىرى) زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىشتا ئۇنىڭدىن پايدىلانماقتا.
بىئولوگىيە
ھاشاراتلار سىنىپىنىڭ غىلاپ قاناتلىقلار ئەترىتىگە كىرىدۇ. ئۇ خانقىز ئائىلىسىنىڭ ئومۇمىي نامى. بەدىنى يېرىم شار شەكىللىك، قورساق تەرىپى ياپىلاق، دۈمبە تەرىپى تومپىيىپ چىققان بولىدۇ. بېشى كىچىك بولۇپ، ئارقا تەرىپى كۆكرىكىنىڭ دۈمبە پلاستىنكىسىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ، مۇرەككەپ كۆزى چوڭ، ئانتېننىسى قىسقا ھەم تاياقسىمان. ئۇنى ئۆسۈملۈكخور ۋە گۆشخوردىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئۆسۈملۈكخورلىرى مەسىلەن، ياڭيۇ خانقىزى (Epilachua sparsa orientalis دۈمبىسىدە 28 قارا توچكىسى بولغاچقا 28 توچكىلىق خانقىز دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ياڭيۇ، چەيزە ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ۋە پۇرچاق قاتارلىقلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان، يېزا ئىگىلىكىدىكى زور زىيانداش ھاشارات ھېسابلىنىدۇ؛ گۆشخور تۈرلىرى خانقىز ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەخمىنەن 82 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ ئاساسلىق قاسىراق قۇرت، كۆك پىت، چاڭدان پىتى، كانا ھەم باشقا بوغۇم پۇتلۇق ھايۋانلارنى يەيدۇ، بەزى تۈرلىرى ئۈنۈملۈك ھالدا زىيانداش ھاشاراتلاردىن بىئولوگىيىلىك مۇداپىئەلىنىشتە ئىشلىتىلمەكتە. مەسىلەن، ئاۋسترالىيە خانقىزى (Rodolia cardinalis) (غىلاپ قانىتى قارامتۇل قىزىل، دۈمبىسىدە <*> شەكىللىك قارا داغ سىزىقى بولىدۇ). چوڭ قىزىل خانقىز (R.rufopilosa) قاتارلىقلار ئاپېلسىن، كازورىن دەرىخى قاتارلىقلارنىڭ مەشۈت قاسىراق قۇرتىدىن مۇداپىئەلىنىشتە ئىشلىتىلمەكتە. مونتروۋېز يوشۇرۇن كالپۇكلۇق خانقىزى (montrouziericryptolaemus) نىڭ پاراشوكلۇق قاسىراق قۇرتىنى تۇتۇپ يېيىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى تۈرلىرى زور مىقداردا بېقىلىپ تەتقىق قىلىنىدى ۋە قويۇپ بېرىپ ئىشلىتىلمەكتە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
خان + قىز
ئىسىم
<زوئول> ھاشاراتلارنىڭ بىر ئائىلىسى. يېتىلگىنى يېرىم شار شەكلىدە بولۇپ، بېشى كىچىك، خىللىرى كۆپ، رەڭگى ھەر خىل كېلىدۇ. بۇ خىل ھاشاراتلارنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، زور كۆپچىلىكى كۆكپىت، سالجا قاتارلىقلارنى تۇتۇپ يەپ، دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىققا پايدا يەتكۈزىدۇ.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
خان قىزى، قەدرلىك، مەرتىۋىلىك قىز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
خان قىزى، قەدىرلىك، مەرتىۋىلىك قىز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
(بۇ، ئەركىلەتمە ئىسم بولۇپ، قىزىنى خان كەبى ئەتىۋارلاش ئارزۇسى ئەكىس ئېتىدۇ)