Uyghurئاساسىي لۇغەت
خانىقا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئىبادەت قىلىدىغان يەر، ناماز ئوقۇيدىغان جاي.
<مەسچىت> ئومۇمىي نام.
<جامە، خانىقا> چوڭراق بولىدۇ، جۈمە نامىزى ئوقۇشقا باب كېلىدۇ، ئادەتتىكى مېھرابتىن باشقا، خۇتبە ئوقۇيدىغان مۇنبەر بولىدۇ.
<ھېيتگاھ> ئەڭ چوڭ، ھېيت نامىزى ئوقۇش
مەسچىتتە مورا يوق، ئادەتكە دورا. كۈندۈزى چېركاۋنى ياقىلايدۇ، كېچىسى جامەنى مارىلايدۇ. خانىقا - خان خوجامنىڭ خانىسى. داچەن ئوينا تاۋكادا، پۇلنى خەجلە ھېيتگاھدا.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ پارىسچە سۆز بولۇپ، مەنىسى « ئائىلە » دېگەنلىك بولىدۇ. تەسەۋۋۇپچى شەيخلار خانىقادا يېتىپ _ قوپۇپ ئىستىقامەت قىلغان، شاگىرتلىرىنى خانىقاغا يىغىپ ۋەز ئېتقان. شەيخلار ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، شاگىرتلىرى ياكى يەرلىك مۇسۇلمانلار شۇ جايدا قەبرە ياساپ، مەسچت ياكى مەكتەپ سېلىپ، ئۇلارنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىستىقامىتىنى داۋاملاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بۇنداق سورۇنلار تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ خانىقاسى بولۇپ ئاتالغان. بۇنداق خانىقالار XI ئەسىردە كەڭ ئومۇملاشقان. مەسلەن، ئەييۇبىيە سۇلالىسى دەۋرىدە سالاھىدىن سالدۇرغان « خانىقا سەئىد سۇئادا » ( ئەڭ بەختلىكنىڭ خانىقاسى ) مىسىردىكى تەسەۋۋۇپچى دىنىي پىرقىلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى باشقۇرۇش ئورگىنى بولغان. شىنجاڭدىكى ئىشانلار كوللېكتىپ دىنىي پائالىيەت قىلىدىغان ياكى ئىستىقامەت قىلىدىغان سورۇنلار ئادەتتە مازالارنىڭ تەۋەلىكىدە بولغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دىن
ئىشان، سوپىلارنىڭ توپلىشىپ، بىرلىكتە زىكىرگە چۈشىدىغان، زىكىر - ئىبادەت قىلىدىغان خانىسى، ئورنى.
بىر قېتىمدا كۆپرەك ئادەم ناماز ئوقۇشقا بولىدىغان قىلىپ سېلىنغان چوڭ مەسچىت؛ جامە.
بىر كۈنى لۇتپۇللا ئەتىگەن سەھەردە ئادىتى بويىچە لەنگەر كوچىسىدىكى خانىقا ئالدىغا مېڭىپ كەلدى.
چوڭ مەسچىتلەرنىڭ ناماز ئوقۇلىدىغان، ئادەتتە كەڭ ۋە كاتتا بولىدىغان گۇمبەزلىك خانىسى.
مەسچىتنىڭ خانىقاسى