Uyghurئاساسىي لۇغەت
خانىم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاياللارنىڭ ھۈرمەت نامى.
« خانىم » ئوقۇمۇشلۇق ئاياللارنىڭ ئاتىلىشى.
باشقىلىرى ئۆزىگە قارىغاندا ئېرىنىڭ ھۈرمىتىدىن شۇنداق ئاتىلدۇ. مىساللاردىن قاراڭ. « ئاپپاق » قۇمۇل شېۋىسى.
كىشىگە قىلغان ئىزادىن خانىم بىزار. قىرىق ئاغىچا ئاچتىن ئۆلۈپتۇ. غوجامنىڭ ئالماسلىقىنى بىلىپ، خېنىم تەگمەس بوپتۇ.
ئايال: كۆلگە چۆكۈپ كەتكەن فۇچۇننى قۇتقۇزىۋالغان سىزمۇ؟
ئەر: ھەئە، بانۇم.
ئايال: ئەمىسە، ئۇنىڭ بىر پاي پەلىيى قېنى؟
قۇشناچىمنىڭ ئېشىنى ئوخشاتقان موللامنىڭ ئوتيېشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاياللارنىڭ ھۆرمەت بىلەن چاقىرىش، مۇراجىئەت قىلىش فورمىسى.
- خانىملار، ئەپەندىملەر، بىزنىڭ سىزلەرنى بۇ يەرگە چاقىرىشمىزدىكى مەقسىتىمىز بۈگۈن ئاخشام ھەممەيلەن بىرلىكتە يېڭى يىل كېچىسىنى كۆڭۈللۈك كۈتۈۋېلىش.
ئاياللارنىڭ ئىسمىغا قوشۇلۇپ ھۆرمەتنى بىلدۈرىدۇ.
پەرىدە خانىم.
ئايال مۇئەللىم.
ئۇ بۇنىڭدىن تۆت - بەش يىل ئىلگىرى مەكتەپ سېلىشقا تۇنجى بولۇپ كەلگەن بىر ياش خانىمنىڭ يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
رەپىقە، ئايال.
- خانىمىڭىزنى تويغا بىللە ئېلىپ كەلمەيسىزغۇ؟ - دەپ سورىدى ئەخمەت كەسىپدىشى ئابدۇللادىن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
خېنىم، ئاغچا.