Uyghurئاساسىي لۇغەت
خان جەمەتى ئۆرنەكلىرى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە خان جەمەتى تۈزۈمىنىڭ ئاساسلىق قائىدە - نىزامى. 1889 - يىلى 2 - ئايدا تۈزۈلگەن.جەمئىي 12 بۈلۈم، 62 ماددا. ئاساسلىقى خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش، تەختكە چىقىش، قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن خانىكە، ۋەلىئەھد تەيىنلەش، ھۆرمەت نامى، نايىبلىق قىلىش، مىراخور، خان جەمەتى، مال - مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلىش، خان جەمەتىنىڭ خىراجىتى، خان - جەمەتىنىڭ ئەرز - شىكايەتلىرى ھەمدە جازالاش، خان جەمەتىنىڭ يىغىنلىرى، قوشۇمچە قائىدە - تۈزۈملەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1947 - يىلى 1 - ئايدا يېڭى خان جەمەتى ئۆرنەكلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مەزمونى خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش، خان جەمەتى يىغىنى قاتارلىق بەش بۆلۈم، 37 ماددا ۋە قوشۇمچە ئۈچ تۈردىن تەركىب تاپقان. كونا ئۆرنەك بىلەن ئوخشىمايدۇ. يېڭى ئۆرنەكتە خان جەمەتىنىڭ دائىرىسى كىچىكلىتىلگەن. خان جەمەتى يىغىنىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ھەمدە خان تەيىنلەيدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانىغا چەك قويۇلغان.