Uyghurئاساسىي لۇغەت
خانچە
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
دۇكانچاق (كىچىك دۇكان)؛ تەخسە، تاۋاق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خان، پادىشاھ، بەگلەرنىڭ خوتۇنىنىڭ ئاتىلىشى.
خانىش _ پادىشاھ _ خانلارنىڭ خوتۇنى. خانىكا _ خان _ پادىشاھلارنىڭ خوتۇنى. خانچە _ خاننىڭ خوتۇنى. خانئاغىچە، ئومۇمەن، خانۇبەگلەرنىڭ خوتۇنى. قاتۇن _ ھون _ تۈركلەردە تەڭرىقۇت، خاقانلارنىڭ خوتۇنى.
شىۋىلەر
لوپنۇر شىۋىسى
خاننىڭ خوتۇنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. خاننىڭ خوتۇنى، خانىش.