Uyghurئاساسىي لۇغەت
خامېلېئون
ھايۋاناتلار دۇنياسى
خامېلېئوندا بىر خىل ئالاھىدە ئىقتىدار بار بولۇپ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تېنىنىڭ رەڭگىنى مۇھىت ئەھۋالىغا قاراپ تېزدىن ئۆزگەرتەلەيدۇ.
خامېلېئون تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىقلىرىدا ياشايدۇ، ئۇلار تىپىك دەرەختە ياشايدىغان يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار ئىچىدىكى بىر توپ غەلىتە ھايۋان بولۇپ، تەخمىنەن50 تەك تۈرى بار، ھەممىسى ھاشاراتلارنى ئاساسىي يېمەكلىك قىلىپ ياشايدۇ. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە15 ~25 سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە؛ تېنى ئوڭ - سول ئىككى يان بويىچە ياپىلاق ھەم قىسقا؛ بېشى بىرقەدەر چوڭ، بېشىنىڭ چوققىسىدا تاجسىمان ياكى دۇبۇلغىسىمان تېرە پۈرمىسى بولىدۇ؛ بەزى تۈرلىرىنىڭ بۇرۇن - تۇمشۇقىنىڭ ئۇچىدا2 −3 مۈڭگۈزى بولىدۇ؛ پۈتۈن تېنىنى دانچىسىمان تەڭگىچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ؛ قۇيرۇقى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، دەرەخ شاخلىرىغا يۆگىشىۋالالايدۇ؛ تۆت پۇتى ئىنچىكە ئۇزۇن، پۇت بارماقلىرى ئۇدۇل ئۆسكەن، ئۇلار خۇددى ئامبۇرغا ئوخشاش دەرەخ شېخىنى مەھكەم تۇتۇۋالىدۇ.
خامېلېئون ئۈچ خىل قالتىس چارىگە ئىگە. بىرىنچى، رەڭگىنى مۇھىتقا قاراپ تېزدىن ئۆزگەرتەلەيدۇ. خامېلېئوننىڭ بۇ خىل كامالەتكە يەتكەن نىقابلىنىش تېخنىكىسىنىڭ بولۇشى تېنىدە نۇرغۇنلىغان ئالاھىدە پىگمېنت ھۈجەيرىلىرىنىڭ بولغانلىقىدا. سىرتقى مۇھىتنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەندىن كېيىن، خامېلېئون تېنىدىكى پىگمېنت ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىشىنى تېز سۈرئەتتە تەڭشەپ، تېنىنىڭ رەڭگىنى مۇھىتنىڭكى بىلەن ئوخشاش قىلىپ ئۆزىنى يوشۇرۇپ دۈشمىنىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئىككىنچى قالتىس ماھارىتى، ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئىككى خىل ئىش قىلىدۇ، بۇ ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ئىچىدە كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋال. خامېلېئوننىڭ ئىككى كۆزى يۇمىلاق، پۇلتىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ، سىرتىنى بىر كونۇس شەكىللىك تەڭگىچە قاپقاق يېپىپ تۇرغان بولۇپ، ئۈستىدىن بىر كىچىك تۆشۈك قالدۇرۇلۇپ، كۆز قارىچۇقى سىرتتا ئوچۇق تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئوڭ - سول كۆزلىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدۇ، ھاشارات بايقالغان ھامان بىر كۆزى بىلەن ھاشاراتقا تىكىلىپ تۇرىدۇ، يەنە بىر كۆزى ئارقىغا قاراپ باشقا ئوۋغا تىكىلىپ تۇرىدۇ. ئۈچىنچى قالتىس ماھارىتى، ھاشارات بىلەن ئارىلىقى20 -30 سانتىمېتىر قالغاندا، نىشانغا پۈتۈن زىھنى بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ، نىشاننى قارىغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاغزىدىن ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، ئەمما ئۇچى توم تىلىنى چاقماق تېزلىكىدە چىقىرىپ، ھاشاراتقا دەل تەگكۈزۈپ، يېپىشتۇرۇۋېلىپ، ئاغزىغا تارتىپ كىرگۈزىدۇ، ئاندىن تىلىنى بىر يۆگەپلا يۇتىدۇ. ئۇنىڭ سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
بىئولوگىيە
يەر باغىرلىغۇچىلار سىنىپىنىڭ تەڭگىچىلىكلەر ئەترىتى، خامېلېئونلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇ دەرەختە ياشاشقا ماسلاشقان يەر باغىرلىغۇچى بىر خىل ھايۋان. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى قۇيرۇقىنى قوشقاندا تەخمىنەن 25 سانتىمېتىر، كۆزى چوڭ ھەم بۆرتۈپ چىققان، قېلىن ھالقىسىمان كۆز قاپىقى بار. ھەر بىر كۆزى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەرىكەتلىنەلەيدۇ ھەم فوكۇس تەڭشىيەلەيدۇ، بۇ نۇقتا ئادەتتىكى ھايۋانلاردىن پەرقلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تىلى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھاشاراتلارنى يېپىشتۇرۇپ تۇتىدىغان ئۆتكۈر قورالىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ تىلى ئۆزىنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقىدىنمۇ ئارتۇق سوزۇلالايدۇ. بېشىدا كەڭ بۇلۇڭلۇق ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك ئۆسمىسى بولىدۇ. بەدىنىنى دانىچىسىمان تەڭگىچىلەر ئوراپ تۇرىدۇ. ھەقىقىي تېرىسىدە كۆپ خىل پېگمېنت ھۈجەيرىلىرى بولۇپ، خالىغان ۋاقىتتا قىسقىراپ - ئۇزىراش ئارقىلىق بەدەن رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. شۇڭا خامېلېئون (رەڭ ئۆزگەرتكۈچى كەسلەنچۈك) دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ تۆت پۇتى نىسبەتەن ئۇزۇن، بارماقلىرى ئىچكى - تاشقى ئىككى گۇرۇپپا بولۇپ، بىرلىشىپ شاخلارنى قاماللاشقا ماسلاشقان قىسقۇچ پەنجە شەكلىگە كەلگەن. قۇيرۇقى ئۇزۇن بولۇپ، چىرمىشالايدۇ، ھەرىكىتى ئاستا، سائىتىگە 60 مېتىر ماڭالايدۇ. 8 ~ 9 - ئايلاردا چېتىشىپ چىشىسى بىر ئايدىن كېيىن 25 - 40 تۇخۇم سالىدۇ. تۇخۇمىنى دەرەخ يىلتىزىغا يېقىن لاي توپىلارغا كۆمۈپ قويىدۇ. ئۇ ئاساسەن ئافرىقىغا تارقالغان، بولۇپمۇ ماداغاسقاردا كۆپ؛ جەنۇبىي ئاسىيا، ئىسپانىيە قاتارلىق جايلاردىمۇ ئۇچرايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
زوئولوگىيە
بىر خىل سۆرەلگۈچى ھايۋان. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 25 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، خالىغان ۋاقىتتا ئۇزىراپ، قىسقىرايدۇ ۋە رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؛ بېشىدا ئۈچ بۇرجەك شەكلىدە ئۆسمىسى بولىدۇ؛ تىلى ئۇزۇن بولۇپ، ئېغىز سىرتىغا سوزۇپ چىقىرىپ، ھاشارات تۇتۇپ يەيدۇ؛ تۆت ئايىغى قىسقا، دەرەخكە چىقىشقا ماھىر كېلىدۇ؛ قۇيرۇقىمۇ ئۇزۇن كېلىدۇ. ئافرىقىنىڭ شىمالى، كىچىك ئاسىيا ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.