Uyghurئاساسىي لۇغەت
خاماگۇچى ئوكاچى
دۇنيا تارىخى
(1870 - 1931)ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى (1929 - 1931). 1895 - يىلى ئىمپېىرىيە داشۆسىنىڭ سىياسىي كەسپىنى پۈتتۈرگەن. پوچتا ئالاقە ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋەزىرى، مالىيە ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋەزىرى بولغان. 1915 - يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، 1924 - يىلدىن ئىتىبارەن مالىيە ئىشلىرى ۋەزىرى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 1927 - خەلق ئىشلىرى پارتىيىسىنىڭ لىدىرى بولغان. 1929 -يىلى خەلق ئىشلىرى پارتىيىسى ئىچكى كابىنېتىنى تەشكىل قىلغان. ئىچكى جەھەتتە مالىيەنى قىسقارتىش ۋە سانائەتنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان، تاشقى جەھەتتە <دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى چەكلەش ۋە قىسقارتىش خەلقئارا شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىغا قارىتا <ماسلاشتۇرۇلغان دىپلوماتىيە> فاڭجىنىنى قوللانغان. 1930 - يىل 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى توكيو ۋوگزالىدا ئوڭ قانات ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن يارىدار قىلىنغان. ئىككىنچى يىلى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۆلگەن.