Uyghurئاساسىي لۇغەت
خامⅠ[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① قاينىتىلمىغان، پىشۇرۇلمىغان:[مىسال:] خام گۆش. خام سۈت. خام تۇخۇم. ئوچاققا كىرگەن نان خام چىقماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② تەبىئىي ھالدا پىشىپ يېتىلمىگەن، پىشمىغان؛ غورا ھالىتىدىكى:[مىسال:] خام تاۋۇز. ∥خام ئورۇلغان بۇغداي.[يەشمىسى:] ③ قايتا پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن؛ پىششىقلاپ ئىشلەشكە تېگىشلىك بولغان؛ چالا:[مىسال:] خام يىپەك. خام ئەشيا. خام تېرە.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تازا ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ، رەتلەپ، يېزىپ چىقىلمىغان؛ قايتا ئىشلەشكە تېگىشلىك بولغان؛ چالا:[مىسال:] خام ئەسەر.[يەشمىسى:] ⑤ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئەمەلىيەتتىن يىراق، ئەمەلگە ئاشمايدىغان، پىشمىغان:[مىسال:] خام خىيال.[يەشمىسى:] ⑥ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر نەرسىنى، ئىشنى، كەسپنى پىششىق ھەم تولۇق ئىگىلىمىگەن، مۇكەممەل ئەمەس، چولتا:[مىسال:] كەسپتە خام. ئىشتا خام.[يەشمىسى:] ⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تەجرىبىسى يوق، بېشىدىن تېخى جىق ئىش ئۆتۈلمىگەن، ئىش كۆرمىگەن:[مىسال:] خام بالا. خام ئادەم.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆگەنگۈچىگە تېخى يات بولغان، ئۆگەنگۈچى تەرىپىدىن تېخى ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن (مائارىپ ھەققىدە):[مىسال:] خام سۆز. خام خەت.[يەشمىسى:] ⑨ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ قارىشى بويىچە سەل بوش، يۈزەكى:[مىسال:] خام چاغلىماق. خام ئويلىماق.