Uyghurئاساسىي لۇغەت
خالىق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياراتقۇچى، خۇدا:
پادىشاھا، جۇرمى ئىساينىم كەرچۈگىل، خالىقا،
سەندىن ئولمىش ئەفۇ رەھمەت مەغفىرەت تۈرلۈك ئەتا.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كېرەكسىز، قىممىتى يوق؛ ئەخمىقانە، دۆت؛ غەيرى، نورمالسىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي چۈشەنچە بويىچە، دۇنيانى ياراتقان ۋە ئۇنى ئىلكىدە تۇتۇپ تۇرغان زات، ئىسلام دىنىدا ئىلاھ.
خۇدا قارغۇغا قانداق قارىسا، قارىغۇمۇ خۇداغا شۇنداق قارايدۇ.ئاللانىڭ ئالقنىدىكىدىن باشقىنى سورىما. ئاللاتائالا تۈلكىگە ئارسلاننىڭ ھەيۋىسىنى بەرمىگەي. با رەببى، ئۆز پاناھىڭدا ساقلا. رەببانا بەرمىگەننى موللا نەدىن بىرەر. ئىلاھا، تازغا تىرناق بەرمىگەيسەن. تەڭرى گۆشنى چىشى يوققا بىرەر. تەلۋە ئات مىنسە تەڭرىنى ئۇنتار. ياخشىلىق قىل، بالىق بىلمىسە، خالىق بىلەر. ھەقتائالا بەرمىگەننى باي بەرمەس. ياراتقان ئىگەم، مەن ساڭا دوست، كەلگەن بالانى توس. ياراتقان ئىگەم يار بولسا، يەر يۈزى ياۋ بولسىمۇ مەيلى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ياراتقۇچى، تەڭرى، خۇدا؛ ھاۋادەك
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ياراتقۇچى