Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
万象协定
دۇنيا تارىخى
ۋېنتىيان كېلىشىمى
تولۇق ئاتىلىشى <لائوستا تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مىللىي ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى كېلىشىم>. 1973 - يىل 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى لائوس ۋەتەنپەرۋەرلەر كۈچلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ۋەكىلى ۋېنتىياندا رەسمىي ئىمزالانغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمونى: پۈتۈن لائوستا ئۇرۇشنى توختىتىپ، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ لائوسنىڭ مۇستەقىللىكىنى، ئىگىلىك ھوقۇقىنى، بىرلىكىنى ۋە زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداپ ۋە ئىشقا ئاشۇرۇپ، لائوسنىڭ ئىچكى مەسىلىسىنى چەت ئەلنىڭ مۇداخىلىسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئىمزا قويغۇچى ئىككى تەرەپ مىللىي ئىناقلىق روھىغا ئاساسەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك؛ ئامېرىكا 1962 - يىلدىكى جەنۋە كېلىشىمىگە قەتئىي ھۆرمەت قىلىش ۋە ئادا قىلىش، لائوستىكى بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرنى مەڭگۈ توختىتىش؛ يېڭى ۋاقىتلىق مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنى ۋە مىللىي سىياسىي بىرلەشمە كومىتېتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇ يىل 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئىككى تەرەپ ۋېنتىياندا كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش توختامنامىسىگە ئىمزا قويغان. 74 - يىل 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ۋاقىتلىق مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمەت ۋە مىللىي سىياسىي بىرلەشمە كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىككى مەركىزىي ھاكىمىيەت ئورگىنى سۈپىتىدە قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان.