Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋۇچۇەن
دۇنيا تارىخى
吴权
wú quán
(898 - 944) ۋيېتنام ۋۇ سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ۋيېتنام تارىخىدا ئالدىنقى ۋۇ پادىشاھى دەپ ئاتىلىدۇ. تاڭلىن (ھازىرقى خېجىڭ رايونى) بولۇپ، ئاتىسى ئايماق بېگى بولغان. جەنۇبىي خەنجىڭ دېڭىز ئارمىيىسى ھېراۋولى ياڭ تىڭيىنىڭ قول ئاستىدىكى سانغۇن ۋە ئۇنىڭ كۈيئوغلى. مىلادى 937 - يىلى ياڭ تىڭيىنىڭ قول ئاستىدىكى يانداش سانغۇن چياۋ گۇڭشيەن ياڭ تىڭيىنى ئۆلتۈرۈپ، جەنۇبىي خەنگە بەيئەت قىلغان. ئىككىنچى يىلى ۋۇچۇەن ئۆزىگە قاراشلىق ئەيجۇ ئايمىقى (ھازىرقى چىڭخۇا ئۆلكىسى) دە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ چياۋ گۇڭشيەننى ئۆلتۈرگەن ھەمدە چياۋ گۇڭشيەنگە ياردەمگە كەلگەن جەنۇبىي خەن ئارمىيىسىنى بەيتىڭجياڭ دەرياسى بويىدا تارمار قىلغان. 939 - يىلى ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاپ گۇئى شەھىرىنى پايتەخت قىلغان.