Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋۇچاڭ بېلىقى
بىئولوگىيە
团头鲂
tuántóufáng
مېگا لوبراما بېلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بېلىقلار سىنىپى، كارپلار ئەترىتى، كارپ بېلىقى (سازاڭ ياكى زاغرا بېلىق) ئائىلىسىگە كىرىدۇ. تېنى ئېگىز، يېنىغا ياپىلاق ئۇرچۇق شەكىللىك. ساغرا پالاقچىسى ئۇزۇن، 28 - 29 تارماق پالاقچىغا شاخلانغان. قورساق قىسمىدا قورساق پالاقچىسىنىڭ تۈۋى قىسمىدىن ئانۇسىغىچە بولغان بىرلا قورساق قىرچىسى بولىدۇ. باش قىسمى كىچىك، تۇمشۇقى يۇمىلاق - توم؛ ئاغزى ئۇچىغا جايلاشقان، ئۈستۈنكى - تۆۋەنكى جاغلىرىدا تەرەققىي قىلغان مۈڭگۈز ماددىلىق گىرۋەكلىرى بولمايدۇ. دۈمبە پالاقچىسىنىڭ ئېگىزلىكى باش ئۇزۇنلۇقىغا يەتمەيدۇ؛ قۇيرۇق ساپاقچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى قۇيرۇق ساپاقچىسىنىڭ ئېگىزلىكىدىن كىچىك. تۆۋەنكى يۇتقۇنچاق چىشى ئۈچ قاتار بولۇپ، چىشىنىڭ ئۇچى ئىلمەك، پۈۋىكى ئۈچ خانىلىق، دۈمبىسى قارامتۇل كۈل رەڭ، قورساق قىسمى سۇس ئاق كۈل رەڭ، بەدىنىنىڭ يان تەرەپتىكى تەڭگىچىلىرىنىڭ تۈۋى قارامتۇل كۈل رەڭ، گىرۋىكى سۇسراق بولۇپ، بىر قانچە قارا سىزىقلارنى شەكىللەندۈرگەن. تىنچ (تۇرغۇن) كۆللەردە، ئوتتۇرا - تۆۋەن قەۋەتتە ياشايدىغان بېلىقلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئوتخور. ئىككى قىش تۈلىگەندىن كېيىن جىنسى يېتىلىدۇ؛ 4 ~ 6 - ئايلاردا شىلىمشىق تۇخۇم سالىدۇ. ئوتتۇرا تىپتىكى ئىقتىسادىي بېلىقلارغا كىرىدۇ. گۆشى مەززىلىك، ماي تەركىبى مو بولۇپ، كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان ئالىي دەرىجىلىك يېمەكلىك ھېسابىدىكى بېلىقلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئەسلى خۇبېي ئۆلكىسى ئېجۇ شەھىرىدىكى لياڭزىخۇ كۆلىدىن چىقاتتى. تىنچ تۇرغۇن كۆللەردە ياشاپ كۆپىيىشى، ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز، سۇ ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان، كېسەلگە قارشى تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ھازىر بېقىلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك سورت سۈپىتىدە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كۆچۈرۈپ ئۆستۈرۈپ كېڭەيتىلمەكتە.