Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋونت
پسىخولوگىيە
冯特
féng tè
بۇ گىرمانىيىلىك پسىخولوگ، پەيلاسوپ، قۇرۇلما پسىخولوگىيە گۇرۇھىنىڭ ئىجادچىلىرىدىن بىرى. ئۇ 1879 - يىلى سەيبىش ئۇنىۋېرسىتېتىدە بىرىنچى پسىخولوگىيە تەجرىبەخانىسىنى قۇرغان. سەزگۈ، ئىدراك، دىققەت، ئىنكاس ۋاقتى، كەيپىيات قاتارلىق پسىخىك ھادىسىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، پسىخولوگىيىنى بەرپا قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇنىڭ پسىخولوگىيە سىستېمىسى ئاساسەن ئېكىسپېرمىنتال پسىخولوگىيە بىلەن مىللەت پسىخولوگىيىسىدىن ئىبارەت. ئىكىسپېرمىنتال پسىخولوگىيە ئۆز ئۆزىنى كۆزىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىىق ئاڭنىڭ تەركىبىي ئامىللىرىنى ۋە ئۇنىڭ بىرىكىش قانۇنىنى تەھلىل قىلىپ، ئاڭدىن تاشقىرى مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ماددىي دۇنيانى ئىنكار قىلىدۇ؛ مىللەت پسىخولوگىيىسى تىل، ئەپسانىۋى رىۋايەتلەر ۋە ئۆرپ - ئادەتلەردىن ئومۇمىي پسىخىكا قانۇنلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرمەكچى بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنى پسىخو فىزىكا پاراللىلىزمنى ياقلىغۇچى دەيدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى «فىزىئوپسىخولوگىيە پرىنسىپلىرى»، «پسىخولوگىيە پروگراممىسى»، «مىللەت پسىخولوگىيىسى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.