Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ۋونام دۆلىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى扶南国
fú nán guó
ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ھازىرقى كامبودژا بىلەن مېكونگ دەرياسى دېلتىسى ئەتراپىغا جايلاشقان. ئىلگىرى ۋونام دېگەننى جۇڭگولۇقلار قويغان نام، مەنىسى <جەنۇبنى يۆلەش> دېگەنلىك دەپ قارىغان. ھازىر كىشىلەر بۇنى كىخمىر تىلىدىكى ۋونام ياكى بىنام دېگەن نامنىڭ ئاھاڭى، مەنىسى <تاغلىق رايون> دېگەنلىك دەپ قارىماقتا. مىلادى Ⅰ ئەسىرلەردە بۇ دۆلەتنىڭ زېمىنى مېكونگ دەرياسى دېلتىسى رايونىدا بولۇپ، ئايال پادىشاھ ليۇيى باشقۇرغان. كېيىنرەك ليۇيى چەتتىن كەلگەن خونتيەن (ياكى خونكۇي) دېگەن كىشىگە ياتلىق بولۇپ، پادىشاھلىق خونتيەننىڭ قولىغا ئۆتكەن. Ⅱ ئەسىردە خونيەنكۇاڭ ھەرقايسى قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرى سەركەردە ۋانمان (ياكى ۋانىشمان) ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، قوشنا ئۇششاق بەگلىكلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. تەسىر كۈچى مالاي يېرىم ئارىلىغا يېتىپ بېرىپ، ئۆزىنى <ۋونام پادىشاھى> دەپ ئاتىغان. تەخمىنەن 225 - يىلى ۋانمان ئۆلۈپ، پادىشاھلىق تەختىنى سەركەردە ۋانجەن قولغا كىرگۈزۈۋالغان. كېيىن ۋانجەن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردە ۋانشۇن ئۆزىنى كورۇل قىلىپ تىكلىگەن. Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ھىندىستاندى كەلگەن براخمان كائۇندىنىيا ۋونامغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ھىندىستاننىڭ قانۇن - تۈزۈملىرىنى يولغا قويغان. براخما دىنىنىڭ سىۋا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان. كېيىنرەك بۇددا دىنىمۇ تارقالغان. ئۇنىڭ پايتەختى ۋىيادخاپۇرا (ھازىرقى پرېۋېك ئۆلكىسىدە). Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋونام شىمالدىكى بېقىندىسى بولغان چېنىلا بەگلىكى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، پايتەختنى جەنۇبقا يۆتكىگەن. تەخمىنەن 627 - يىلىچېنىلا تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 243 - يىلى (پادىشاھ ۋۇ چىۋۇنىڭ 6 - يىلى) ۋانجەن جۇڭگودىكى شەرقىي ۋۇغا ئەلچى ئەۋەتكەن. شەرقىي ۋۇمۇ كاڭتەي، جۇيىڭلارنى ۋونامغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن. ۋونام كېيىن غەربىي جىنغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. تاڭ سۇلالىسى جىنگۇەن يىللىرى (627 - 649) ۋونام چېنلا تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىنمۇ تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچىلىرى كېلىپ تۇرغان
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.