Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋېنچۇەن خانىقاسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى تەسەۋۋۇپچى قادىرىيەگە مەنسۇپ سۈلۈكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ئەسلىي گەنسۇنىڭ لىنشادىكى داخې دېگەن يېرىدىن بولۇپ، كېيىن لەنجۇدا ئولتۇراقلاشقان دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان خۇيزۇ ماۋېنچۇەن (1840 - 1882) قۇرغان. بۇ ئادەم كىچىكىدە مەدرىسىدە ئەرەبچە ئوقۇغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ تۇنجى يىللىرى ھەج قىلىپ بېرىپ، قادىرىيە پىرقىسىنىڭ ئىمامى ئابدۇكەرىمدىن تەلىم ئالغان. يېنىپ كەلگەن ۋاقتى غەربىي شىمالدىكى خۇيزۇلارنىڭ چىڭ سۇلالىسىغا قارىشى قوزڭىلىڭى مەغلۇپ بولۇپ پاجىئەلىك باستۇرۇلۇۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەنلىكتىن، فۇجيەن، گۇاڭشى، يۈننەن، سىچۈەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ دىننى تەرغىب قىلغان. كېيىن گەنسۇغا يېنىپ كەلگەندە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. بۇ سۈلۈكتىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ناھەق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، گەنسۇنىڭ گىنجاجۇاڭ دېگەن يېرىدە مازار سېلىپ، ئۇ مازارنى گىنجاجۇاڭ گۈمبىزى ياكى ۋېنچۇەن گۈمبزى دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇراشىم دادىسىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىپ، بۇ سۈلۈكنىڭ تەسەۋۋۇپ ئەقىدىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. يېنىپ كېلىپ لەنجۇدا داۋاملىق دىنىي تەرغىبات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كېيىن ماۋېنچۇەن خۇفىيە ئەقىدىسىنىمۇ قوبۇل قىلىپ تۇڭگۇي سۈلۈكىنى، ئەنتۇ سۈلۈكىنى ۋە گاۋ - جاۋ جەمەتى سۈلۈكىنى قۇرىدۇ. ۋېنچۇەن خانىقاسىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىسى ۋە قائىدىسى مۇنداق: <قۇرئان كەرىم> نى ۋە ھەدىسنى ئېتىقادنىڭ ئاساسى قىلىدۇ؛ سۈلۈكنىڭ بەش پەرزنى ئادا قىلىشقا ۋە ئىستىقامەتكە ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىدۇ؛ زىكرىنى كەچتە سەل مەخپىي سالىدۇ؛ بۇ سۈلۈك ئىككى ئەۋلاد داۋاملاشتى. بۇ سۈلۈكتىكى كىشى نەچچە مىڭغا يېتىدۇ، ئاساسلىقى گەنسۇدىكى لىنشا، لەنجۇ ۋە چىڭخەيدىكى شۇنخۇا قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.