Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋېنا يىغىنى
خەلقئارا يىغىنلار
ۋېنا يىغىنى ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاچقان، ياۋروپا زېمىنىنى يېڭىۋاشتىن بۆلۈشۈۋالىدىغان خەلقئارا يىغىندۇر.1814
- يىلى ياۋروپادىكى ئاساسلىق فېئودال دۆلەتلەر ۋە ئەنگلىيە6 - قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقنى تەشكىللەپ، يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن كاپىتالىزم ۋەكىلى ناپولېئون ھۆكۈمرانلىقىدىكى فرانسىيىنى مەغلۇپ قىلدى. جەڭ مەيدانىدىكى ئىس - تۈتەك ئەمدىلا تارقىلىشىغا، ئۇرۇشتىن كېيىنكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان خەلقئارا يىغىن ئاۋسترىيە پايتەختى ۋيېنادا ئېچىلىدى. بۇ يىغىنغا ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاتناشتى، لېكىن يىغىننى ھەقىقىي كونترول قىلىۋالغانلار روسىيە، ئەنگلىيە، ئاۋسترىيە ۋە پرۇسسىيە قاتارلىق تۆت دۆلەت بولۇپ، بارلىق مەسىلىلەرنى ئۇلار مەخپىي قارار قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئورتاق نىشانى بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ ياۋروپادىكى غايەت زور تەسىرىنى يوققا چىقىرىپ، فېئودال ھۆكۈمرانلىقنىڭ »مۇنتىزىم« تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىدى، ئۇلار يەنە ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ چوتىنى سوقۇشۇپ، ياۋروپانى يېڭىۋاشتىن بۆلۈشۈۋالماقچى ھەمدە زاڭ بۆلۈشۈشتەك ئەڭ چوڭ ئۈلۈشكە ئېرىشمەكچى ئىدى. شۇڭا، ئۇلار ئارىسىدىكى يەڭ ئىچى تالاش - تارتىشى ئىنتايىن كەسكىن بولدى. بۇ يىغىن1814 - يىلى10 - ئايدا باشلىنىپ2 - يىلى6 - ئايغىچە داۋاملاشتى، باشتىن - ئاخىر بىرەر قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئېچىلمىدى. باشقا دۆلەت ۋەكىللىرى ئۇزاققىچە ساقلاپ، ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان تانسا، زىياپەت، ئويۇن، ئوۋچىلىق ئىشلىرى بىلەن ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. كىشىلەر ۋېنا يىغىنىنى ئىش يىغىنى بولماستىن، تانسا يىغىنى بولدى دەپ مەسخىرە قىلىشتى.
يىغىندا ئەڭ ئاخىردا ئىمزالانغان باش قارارغا ئاساسەن، ئەنگلىيە، روسىيە، پرۇسسىيە ۋە ئاۋسترىيە باشقا دۆلەتلەرنىڭ كەڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋالدى. بولۇپمۇ روسىيە پولشا زېمىنىنىڭ ئوندىن توققۇزىنى قوشۇۋالدى ھەمدە پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە بىلەن بىرلىكتە قالغان ئوندىن بىر قىسمىنى »قوغدىدى«. باش قاراردا يەنە: فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ زەربىسى بىلەن ئاغدۇرۇلغان دۆلەتلەرنىڭ فېئودال خانىدانلىق ھۆكۈمرانلىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. شۇ ھامان ئۇ خانىدانلىقلار كەينى - كەينىدىن نىقابلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقتى - دە، ياۋروپادا تىرىلىش ئەھۋالى كۆرۈلدى.
ۋېنا يىغىنىدا ئورنىتىلغان ئەكسىيەتچىل تەرتىپىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن،1815 - يىلى9 - ئايدا روسىيە، ئاۋسترىيە ۋە پرۇسسىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ فېئودال خانلىرى »مۇقەددەس« خرىستىئان دىنىنىڭ نامىدا ئىنقىلابنى ئورتاق باستۇرىدىغان ئىتتىپاقنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ ئىتتىپاق »مۇقەددەس ئىتتىپاق« دەپ ئاتالدى. كېيىنچە ياۋروپادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى پادىشاھلار ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ بۇ ئىتتىپاققا قاتناشتى.
شۇنداق قىلىپ1815 - يىلىدىن كېيىن، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى زۇلمەت دەۋرگە قەدەم قويدى. لېكىن تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش چاقىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، ئۈزلۈكسىز كۆتۈرۈلگەن ئىنقىلاب بورىنى فېئودال ھۆكۈمرانلىق تەرتىپىنى تەۋرىتىپ قويدى.1848 - يىلى ياۋروپادىكى دۆلەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ئىنقىلاب پارتلاپ، مۇقەددەس ئىتتىپاقنى تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە چۆرۈپ تاشلىدى.
دۇنيا تارىخى
ناپولېئون ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن ئېچىلغان خەلقئارا يىغىن. 1814 - يىلى 10 - ئايدىن 1815 - يىلى 6 - ئايغىچە ۋېنادا ئېچىلغان. يىغىنغا ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن 216 نەپەر ۋەكىل قاتناشقان. يىغىننى ئەنگلىيە، روسىيە، پرۇسسىيە، ئاۋسترىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، پولشا ۋە ساكسونىيە مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا كەسكىن كۈرەش ئېلىپ بارغان، فرانسىيە ۋەكىلى تاللېيراند ئۆز دۆلىتىنىڭ پايدىسىنى كۆزلەپ، زىددىيەتلەردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان، 1815 - يىل 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئاۋسترىيىلەر روسىيە بىلەن پرۇسسىيىگە قارشى <ۋېنا شەرتنامىسى> نى مەخپىي ئىمزالىغان. ناپولېئون 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى فرانسىيىدە قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، يىغىن بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغان. 1815 - يىلى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئومۇمىي كېلىشىم ئىمزالانغان. بۇ كېلىشىمدا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپانى يېڭىۋاشتىن بۆلۈشۈۋېلىش قارا نىيىتى ئىپادىلىنىپ، بېلگىيە بىلەن گوللاندىيىنى قوشۇپ نىدېرلاند پادىشاھلىقىنى قۇرۇش شۋېتسارىيە ۋە ساردىنىيە پادىشاھلىقىنى كۈچەيتىش بەلگىلەنگەن؛ روسىيە پولشا پادىشاھلىقىغا ئىگە بولغان، پرۇسسىيە ساكسونىيىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ۋە پوزناننى ئىگىلىگەن؛ مالتا ئارىلى ئەنگلىيىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا ئۆتكەن، ئاۋسترىيە ئۆزىنىڭ ئىتالىيىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىگەن ھەمدە نۇرغۇنلىغان ئۇششاق كىنەزلىكلەرنى يېڭىۋاشتىن كونترول قىلغان؛ گېرمانىيە ئىتتىپاقى 34 فېئودال پادىشاھلىق ۋە تۆت ئەركىن شەھەر (ئوخشاش بولمىغان مەزگىللەردىكى سانى تامامەن ئوخشاش ئەمەس) دىن تەركىب تېپىپ، گېرمانىيىنىڭ بۆلۈنۈش ھالىتى داۋاملىق ساقلاپ قېلىنغان.