Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋەندۇڭ ئىبادەتخانىسى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەننىڭ جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسىدىكى ۋەن لى بىلەن چوڭ چېن خانغا نەزىر - چىراق قىلىدىغان بۇتخانا. ۋەن لى خان چاۋشيەننىڭ رېنچېڭ مۇداپىئە ئۇرۇشىدا ئارمىيە ۋە ماددىي ئەشيا بىلەن چاۋشيەننىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم قىلغان. چوڭ چېن مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى پادىشاھ ئىدى، مىڭ سۇلالىسىگە ھۆرمەت قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، چۈەن شاڭشيا سۇڭ شىليېنىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن، 1703 - يىلى مۇشۇ بۇتخانىنى سالغان. بۇ بۇتخانا جۇڭچىڭ بېيىداۋ ئۆلكىسى خۇەيشەن ۋىلايىتىنىڭ خۇاياڭ بىلىم يۇرتىغا سېلىنغان، خۇاياڭ بىلىم يۇرتى سۇڭ شىليېنى ئارزۇلايدىغان جاي بولغانلىقى ئۈچۈن، لى سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى لاۋلۇن، شاۋلۇنلار يۇرت تالىشىشتا، بۇ يەر لاۋلۇنلارنىڭ مۇقەددەس ئورنى بولغان. 1871 - يىلى دايۈەنجۈن (شىڭشۇەن) يۇرت تالىشىشنىڭ ئاپەت يىلتىزىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، مەزكۇر بۇتخانىغا ئەرۋاھ ئېشى قويۇش ئىشىنى توختىتىش ۋە خۇاياڭ بىلىم يۇرتىنى بىكار قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.