Uyghurئاساسىي لۇغەت
ۋەندۇ شەھىرى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى شەھەرنىڭ نامى. چاۋشيەن كوگۇريونىڭ كونا پايتەختى. سانشاڭنىڭ 10 - ئەۋلاد بېگى يەن يۇ (يەنە بىر نامى ۋىي گۇڭ) دىن گۇگويۇەننىڭ 16 - ئەۋۋلاد بېگى سىيو (ياكى مىنجاۋ) نىڭ پايتەختى مۇشۇ يەر ئىدى. بۇ شەھەر مىلادى 198 - يىلى (سەنشاڭ بېگى 2 - يىلى) قۇرۇلۇشقا باشلاپ، 209 - يىلى (سەنشاڭ بېگى 13 - يىلى) پايتەخت مۇشۇ يەرگە كۆچۈرۈلگەن. 342 - يىلى (گۇگويۈەن بېگى 12 - يىلى) سىيانپىيلار قۇرغان يەن بەگلىكىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ئۆتكەن مۇرۇڭخۇاڭ كوگۇريوغا ھۇجۇم قىلغان چاغدا ۋەيران قىلىنغان. كېيىن پايتەخت مەملىكەت ئىچدىكى شەھەر (ھازىرقى جۇڭگو جىلىن ئۆلكىسىنىڭ جىئەن دېگەن يېرى) گە يۆتكەلگەن. ۋەندۇ شەھىرىنىڭ خارابىسى ھازىرقى جىلىن ئۆلكىسىنى جىئەن ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان سەنچىڭزى دېگەن يېرىدە. شەھەرنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ، مۇھىم جايلارغا تاشتىن قورغان سېلىنغان. شەھەرنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە دەرۋازا خارابىلىرى بار. ئۇدۇل دەرۋازىدا (جەنۇبىي دەرۋازا) قوۋۇق سېپىلى بار. شەھەر ئىچىدىكى بىر ئورۇندا نۇرغۇن كۆركەم تۈۋرۈكنىڭ ئۇلى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بەلكىم ئورد سارىيىغا ئوخشاش قۇرۇلۇشلارنىڭ خاربىسى بولسا كېرەك. يەنە بىر ئورندا كۆزىتىش پەشتىقى (باتۇرلارنى يوقلىما قىلىش پەشتىقى) نىڭ خارابىسى بار. ۋەندۇ شەھىرىنىڭ خارابىسى ئەتراپىدا كويۇريونىڭ قەدىمكى قەبرىستانلىقلىرى ۋە خاۋتەيۋاڭ ئابىدىسى قاتارلىق مۇھىم قەدىمىي ئاسار ئەتىقىلەرمۇ بار.